新闻详情

ياڭ مى ۋە چىڭخۇا

发表时间:2021-01-06 11:57作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ


640-24.gif

640-59.png

3.jpg





يېقىندا ياڭ مى مەلۇم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، ئۆزىنىڭ چىڭخۇا داشۆسى ئەلاچىلىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، گەرچە ئۇ سەنئەت ساھەسىگە كىرگىنىگە ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ياڭ مىنىڭ بۇنداق قالتىس ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

ياڭ مى پىروگراممىدا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ جەمەت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇغانلىقىنى، ئۆز تاغىسىنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە بىر ئۆمۈر ماتېماتىكا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان.

يەنە ئىنى-سىڭىللىرى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپىچىنىسى چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇغان بولۇپ، ياڭ مى پىروگراممىدا ئۆيىدىكى خېلى كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن، تولىمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە 2017-يىلى 10-ئايدا ياڭ مىنىڭ تاغىسى ئىلگىرى توردا نامى چىققان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان. ياڭ مىنىڭ تاغىسى ئەينى ۋاقىتتا پىروگراممىدا ئائىلىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەش ئىمتىھانىدا چىڭخۇا داشۆسىگە ئۆتەلمىگەن بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆت قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ياڭ مىنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزاغا ئايلانغان ئىدى.

ئارقىدىن ياڭ مى 2005-يىلى بېيجىڭ كىنو شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىكى نەتىجىسى ئاشكارىلانغان، گەرچە سەنئەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچى بولسىمۇ، ئەمما ياڭ مى ئەينى يىلى 583 نومۇرلۇق ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ كىنو شۆيۈەنىنىڭ 5-قارارىدا مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتكەن، ياڭ مىنى سەنئەت تۈرىگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئايال ئەلاچى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە 2017-يىلى ياڭ مى مەلۇم پىروگراممىغا قاتناشقاندا ئۇ پىروگراممىدا ئۆزىنىڭ ئەينى يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا پۈتۈنلەي ئەركىن-ئازادە ئىمتىھان بەرگەنلىكىنى، ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئازراقمۇ بېسىم يوقلىقىنى، ھەتتا يۈز چاپلىقى چاپلاپ ئۆزىنى ئازادىلەشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئاڭلىماققا كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ، بۇ دەل ئەلاچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بولسا كېرەك.

گەرچە يېقىنقى بىر مەزگىلدە تاماششا ساھەسىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ياڭ مى بۇنىڭ ئىچىدىكلەرگە تەۋە ئەمەس. ئىلگىرى ئۇنى ئۆزىنىڭ تاغىسى مەسخىرە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاماشا ساھەسىدىكى ئەلاچى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، كاللىسى شۇنداق ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: