新闻详情

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋاپات بولدى

发表时间:2021-01-06 13:21作者:爱酷艺网来源:石榴云客户端

640-24.gif640-59.png3.jpg




ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: سوغۇق شامال چىقىپ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، قىش كۈنلىرىدىكى تۇمان قەشقەر زېمىنىنى قاپلىغانىدى. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لاچىن باي ئەكە.بايق مۇز كامىرىدىكى كىچىك بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا، بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كىشىلەرنى چەكسىز چۆچۈتتى، قاتتىق ئازابلىدى.   

ـــ ئادەم بارمۇ ؟! بالىنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!

1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈش سائەت 13 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەربىيەلىنىۋاتقان لاچىن باي ئەكە ياتاقدىشى مۇساجان نۇردۇن بىلەن نوكلىئېك كىسلاتاسىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ بولۇپ، ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېيىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئاۋازىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر كىچىك بالىنىڭ كۆلدىكى مۇز يۈزىدە ئويناۋاتقاندا، مۇز تۇيۇقسىز يېرىلىپ كېتىپ، بالا مۇز كامىرىغا كىرىپ قالغانلىقىنى، يار ـ يۆلەكسىز قالغان ئانىسىنىڭ كۆل بويىدا يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سوراۋاتقانلىقىنى كۆردى.

كىچىك بالىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىدى، لاچىن باي ئەكە ئىنچىكە ئويلاشقا ئۈلگۈرمەي، مۇزغا دەسسەپ ئۇدۇل كىچىك بالىغا قاراپ ماڭدى. بالىنىڭ قولىنى سوزۇپ تارتقاندا، مۇز تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى، لاچىنمۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتتى. سوغۇق كۆل سۈيى، تېز سۈرئەتتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكۈزۈپ ، ئۇنى توڭلىتىۋەتتى، لاچىن باي ئەكە ئىككى قولىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىنى ئىمكانقەدەر سۇ يۈزىگە كۆتۈردى، بۇ چاغدا بىللە كۆل بويىغا بېرىپ قۇتقۇزماقچى بولغان مۇساجان نۇردۇنمۇ مۇزدەك كۆل سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ياردەملەشتى. خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن كىشىلەرمۇ بەس ـ بەستە قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. ئون نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، بالا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىندى، بىراق بالىنىڭ ھاياتىنى كۆتۈرگەن لاچىن باي ئەكە سۇدىن قايتا چىقالمىدى ، ئۇ 41 يېشىدا ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

مۇزدەك سوغۇق كۆل سۈيى تۇرسا، سىز نېمىشقا ئويلانمىدىڭىز؟ لاچىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى، ئىلگىرى ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن يۇرتداشلار ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق كۇرستىكى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارغا تونۇش بولغان ساداقەتمەن، دۇرۇس، كەمتەر، ئاق كۆڭۈل لاچىن باي ئەكە ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان چېگرانى قوغداش ئىشلىرى ۋە سۆيۈملۈك تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭدىن   مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

«ئىككى كۈن ئىلگىرى، بىز بىللە بازارغا چىقىپ ئۇنىڭغا بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردۇق، ئۇ بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بېيجىڭغا بېرىپ كىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېدى ياتاقدىشى مەمەت جۈمە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

لاچىن باي ئەكەنىڭ بوۋىسى، دادىسى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ چېگرا قوغدىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نەچچە ئون يىل ئىشلىدى. 2004 ـ يىلى دادىسىنىڭ قولىدىكى « كۈچ ئۇلاش تايىقى» نى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، لاچىن ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى قىلدى، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى ھەر بىر چېگرا تېشى، ھەر بىر دەريا، ھەر بىر تاغ جىلغىسىدا ئۇنىڭ چوڭقۇر ئاياغ ئىزى قالدى.

2004ـ يىلى 8 ـ ئايدا، لاچىن باي ئەكە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، ئۇ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە بۇرچىنىڭ شەرەپلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ساداقىتى ۋە تولۇپ تاشقان مۇھەببىتىگە تايىنىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىز تۇپراقنى قوغداپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە ھەر بىر سۇڭ زېمىنىنى جان تىكىپ قوغدىدى.



لاچىن باي ئەكە   ئۈچ ئەۋلاد چېگرانى قوغداش تەسىرلىك ھېكايىسى پامىر ئېگىزلىكىدە ئاللىقاچان ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق بولۇپ، كەڭ تارقالغان، ئۇ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى ۋە شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تەرىپىدىن بۇلۇت ئۈستىدە چېگرانى ساقلاۋاتقان « پامىر بۈركۈتى» دەپ تەرىپلەندى.

لاچىن باي ئەكە كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس، مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 2020 ـ يىلى 10 ـ ئايدا ئۇ يەنە «مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى 11-ئايدا، ئۇ يەنە« مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

« بۇ ئۆمرۈمدە ئىزچىل ھەربىي فورما كىيمەيدىغان چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى مەڭگۈ ياخشى ساقلايمەن... » بۇ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز. بۇ جاراڭلىق قەسەم ساداسى پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ چوققىلىرىدا ياڭرىدى، « پامىر بۈركۈتى» ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا لىنىيەسىدە مەڭگۈ پەرۋاز قىلىدۇ...

文/图/视频   石榴云客户端 喀什零距离 海米提工作室


翻译涞源:爱酷艺网

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦麦提江

制作:张伟

分享到: