新闻详情

قۇتۇبىدا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

发表时间:2021-01-06 15:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئانار بۇلۇتى

640-24.gif640-59.png

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: سانجى ئوبلاستلىق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، سانجى ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى بىر نەپەر يۇقتۇرما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلغان.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنىڭ تەلىپى بويىچە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىن كىلىپ ، يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋە بىر شوپۇرنى دائىملىق نوكلىئېك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرگەندە، بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت بولغانلىقىنى، قۇتۇبى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت بولغانلىقىنى بايقىدى، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى يوق دەپ دىياگنوز قويۇپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئايرىپ كۆزىتىش ئېلىپ باردى. قالغان ئىككى خادىمنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇپ، ھەممىسىدە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

ئەر، 58 ياش، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنلې شەھىرى شيېشېن يېزىسىنىڭ نەنچىڭ كەنتىدە تۇرىدۇ. 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، خېبېي A نومۇر تاختىلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ جىفۇگاڭ ئەشيا ئوبوروت رايونىدىن يولغا چىقىپ، ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئارقىلىق 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىگە يېتىپ بارغان.

نۆۋەتتە، بۇ كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى تېببىي كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

涞源:石榴云客户端

翻译涞源:爱酷艺网

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦麦提江

制作:张伟


分享到: