新闻详情

ئەمدى ئۇنىڭ دەۋرى كەتتى؟

发表时间:2021-01-06 16:49作者:ئەلكۈيى来源:شىنلاڭ


640-24.gif

640-59.png

3.jpg


12-ئاينىڭ ئاخىرى، 2020-يىللىق (19-نۆۋەتلىك) جۇڭگو كارخانىلىرى داھىيلار يىللىق يىغىنىنىڭ« 2020-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 كارخانا داھىيسى» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى ۋە كاتتا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تىزىملىك« جۇڭگو كارخانىچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتىكى مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكىدە« بىزنىڭ دەۋرىمىز» باش تېما قىلىنىپ، بۇ يىلقى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 25 كارخانىنىڭ داھىيسى ئېلان قىلىندى.

« تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان 25 كارخانا رەھبىرى» نى باھالاش تىزىملىكى 18 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 18 يىلدا، نۇرغۇن شىركەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى ساھە ۋە كەسىپلەردە پۈتۈنلەي يېڭى كارخانىچىلارنى بارلىققا كەلدى، كونا بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارمۇ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلدى.بۇ يىلقى تىزىملىكتە ئىسمى چىققان قايسى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ باققان شۇنداقلا قايسىسى سىزگە ئەڭ تۇنۇش.

لېي جۈن

شياۋمى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىر قوشۇمچە CEOسى

جاڭ يوڭ

سى CEOئالى بابا مۇدرىيىتىنىڭ رەئىسى، قۇشۇمچە

ۋاڭ شىڭ

مېي تۈەننىڭ قۇرغۇچىسى CEO سى

ياڭ يۈەنچىڭ

سىCEO ليەنشياڭ گوروھىنىڭ باش مۇدىرى، قۇشۇمچە

خۇاڭ جېڭ

پىندودونىڭ قۇرغۇچىسى ، باش مۇدىرى

لى يەنخوڭ

بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى ،باش مۇدىرى

جوۋخوڭخۈي

360 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش مۇدىرى

ۋاڭ ۋېنجىڭ

يوڭ يوۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ، باش مۇدىرى

جاڭ ۋېنجوڭ

ۋۇمېي گوروھى، Dmallنىڭ قۇرغۇچىسى ، باش مۇدىرى

لىنىڭ

لىنىڭ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇدىرى

خۇاڭ كېشىڭ

چىڭداۋ پىۋىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇدىرى

يۇقۇردا بىز بىزگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان بىر قانچە كارخانا ۋە قۇرغۇچىللىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتتۇق ، سىز بۇ رەسىملەرنى كۆرىۋېتىپ سىز كۆرىدىغان شەخىسنىڭ يوقلىقىدىن ئازراق ئەپسۇسلاندىڭىزغۇ دەيمەن. ئالدىنقى ئوننىڭ ھەممىسى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىلار، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە ما يۈن، ما خۇاتېڭ قاتارلىق ئىككى بايلىق سەركىسى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى شياۋمى گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى لېي جۈن ئىگەللىدى.

بۇ يىل 10 ـ ئايدا ما يۈن ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئۈزۈل ـ كېسىل ئايرىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە ما يۈن ئەلى بابا گۇرۇھىدىكى باش لېدىر، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، مۇدىرىيەت رەئىسى، مۇدىرىيەت ئەزاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ما يۈن يەنىلا ئەلى بابانىڭ مەڭگۈلۈك شېرىكى ۋە چوڭ پايچىكى.

ئارقىدىنلا 11- ئاينىڭ 10- كۈنى ما خۇاتېڭ سەيفۇتۇڭنىڭ قانۇنى ۋەكىلىلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنىپ چىقتى، يەنە كەلگۈسى تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇلار پەردە ئارقىسىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە قالدى، لېكىن يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بايلىقنى ئىگىلىدى. لېكىن ئۇلار ئەمدى كارخانا باشقۇرغۇچىسى بولمىغاچقا، بۇ قېتىمقى تىزىملىككە كىرەلمىدى.

لېي جۈن كىچىك ۋاقتىدا قەلبىدە بىخلانغان ئارزۇدىن جىنشەن(金山) يۇمشاق دېتالىنىڭ 16 يىللىقىغىچە، يەنە ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلەشكىچە بولغان تەۋەككۈلچىلىك مۇساپىسىدە، لېي جۈننىڭ تۆھپىسى ئالاقە تورى تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ يانفون ساھەسىنى ئۆزگەرتىپ، يانفوننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە   يېڭىلىنىشنى تېزلەتتى.

لېي جۈن دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئەۋلاد پىروگراممېر، ئۇ خەۋپ-خەتەر ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى «بىر مۈڭگۈزلۈك ھايۋان»غىچە بولغان مۇساپىنى ئىشقا ئاشۇردى.

لېي جۈن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ پەقەت تېز پۈتمەيدىغان، غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىدىغان «ئوۋچى»لاردەك روھى، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ئەستايىدىل «دېھقان»دەك ئالاھىدىلىكى بار. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆزگىچە نەزەر دائىرىسى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكى، ئومۇمىيەت قارىشى ئۇنىڭ ئۆزگىچە سودا يولىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

لېي جۈن ئەزەلدىن يانفون ئىشلەپ باقمىغان كەسىپ ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شياۋمىنى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلاندۇردى، ھەتتا تاشقى دۇنيانىڭ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى قوپال» دېگەن ئۆلۈك تەسىراتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ نام چىقىرىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى شياۋمىنىڭ تېخى كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە يەتمىگەنلىكى، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنى ئانچە چۈشەنمەسلىكى.   لېي جۈن ياسىمىچىلىققا سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۇ بېيجىڭ يىجۇاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇردى. نەچچە يىلدا شياۋمى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا ۋە بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوماتلاشقان يۇقىرى تېخنىكىلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۈنۈمى سەپلىمە زاۋۇتتىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى شياۋمى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شياۋمى يېڭى مەھسۇلاتى رەسمىي سېتىلىپ، بەش مىنۇتتا بىر مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك سېتىش سوممىسىدىن ئېشىپ كېتىشتەك نەتىجە بىلەن ئاممىنىڭ شياۋمى يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، لېي جۈن مىكرو بىلوگدا شياۋمى يان تېلېفونىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شياۋمى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئابۇنتلار توپىنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق چولپانلارنىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن پايدىلىنىپ، داڭلىق چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىلىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئابۇنتلار توپىنى جەلپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مەستانىلەر دائىم لېي جۈننىڭ شياۋمىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە لېي جۈن شياۋمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئۇ بىر خەلق كارخانىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.ھازىر، لېي جۈن شياۋمىغا ۋاكالىتەن ئېلان تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم مەستانىلەرنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى شۇنداقلا شياۋمىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە تېخنىكا رەھبىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شياۋمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، جۇڭگونىڭ بازار يۈزلىنىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى؛ شياۋمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى لېي جۈننىڭ« ئوۋچى» دەك نەزەرى ۋە« دېھقان» دەك تەمكىنلىكىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ، كەلگۈسىدىكى شياۋمىنىڭ تەرەققىيات يولى لېي جۈننىڭ قەلبىدە.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: