新闻详情

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش باشلاندى

发表时间:2021-01-06 18:07作者:ئەلكۈيى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


640-24.gif

640-59.png

3.jpg


1-يانۋار، 2021-يىللىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

توردا تىزىملاش يولى رەسمىي ئېچىلدى.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش بىر تۈرلۈك مەجبۇرىي خاراكتېرلىك تۈزۈم بولۇپ، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقتىن قەتئىينەزەر، يېشىغا يەتكەن ئەر پۇقرالار ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىشى كېرەك.

ئۇنداقتا قايسى كىشىلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىدۇ؟

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن 18 ياشقا توشقان ئەر پۇقرالار (2003-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغان) بىردەك بۇ قېتىمقى تىزىملاشقا قاتنىشىشى كېرەك. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن يېشى 24 ياشتىن ئاشمىغان ئەر پۇقرالاردىن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتمىغانلىرى تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك.

دىققەت:

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش ۋە چاقىرىق بويىچە تىزىملىتىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش بىر تۈرلۈك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى بولۇپ، دۆلەتنىڭ يېشىغا توشقان پۇقرالارنى قانۇن بويىچە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش ھەم ئەسكەرلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىگىلەپ، مۇمكىنچىلىكى بولغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى. شۇڭا، مەيلى ھەربىي سەپكە قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن، يېشىغا توشقان ئەر پۇقرالار ۋاقتىدا تىزىملىتىشى ياكى تەكشۈرتىشى كېرەك.

ئەگەر بۇ يىل ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى خالىمىسا، پەقەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتسىلا بولىدۇ. ئەگەر ھەربىي سەپكە قاتناشماقچى بولسا، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتقاندىن كېيىن، چاقىرىققا بىنائەن تىزىملاتسا بولىدۇ.

چاقىرىققا بىنائەن تىزىمغا ئالدۇرۇشتا، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تېگىشلىك ياشلار رەسمىي ئەسكەرلىككە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇم ئىختىيار خاراكتېرىگە ئىگە. بەدەن تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، ئەسكەرلەرنى بېكىتىپ ئېلان قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەرتىپ ھالقىلىرىدىن كېيىن، ئاندىن قىسىمغا كىرىپ رەسمىي ئەسكەر بولالايدۇ.

2021-يىللىق ئەر ئەسكەرلەرنىڭ چاقىرىق بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى:

ئالدىنقى يېرىم يىلدا: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە

كېيىنكى يېرىم يىلدا: 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاشتا توردا ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش، نەق مەيداندا بېكىتىش قاتارلىق باسقۇچلارنى تاماملاشقا توغرا كېلىدۇ، تۆۋەندىكى تەپسىلىي تەرتىپ كۆرسەتمىسىنى ياخشى كۆرۈڭ.

1. توردا ئۇچۇر تولدۇرۇش

«مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورى»(http://www.gfbzb.gov.cn) غا كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىكى «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش (ئەر ئەسكەر)»نى چېكىپ، تەلەپ بويىچە ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ھەقىقىي، تولۇق تولدۇرۇش كېرەك.

توردىكى تىزىملاشنى تاماملىغاندىن كېيىن،

سىز ئىككى تاللاش تۈرىنى كۆرىسىز ↓↓

بۇ يىل ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى خالىمايدىغان دوستلار «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش»نىلا تاللىسا بولىدۇ، چاقىرىققا بىنائەن تىزىملاتماقچى بولغان دوستلار «داۋاملىق بۇ يىللىق ھەربىيلىككە تىزىملىتىش»نى تاللىسا بولىدۇ.

2. جەدۋەل بېسىش

ئۇچۇر تولۇق تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، «ئەر پۇقرالارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت تىزىملاش جەدۋىلى» بېسىپ چىقىرىلىدۇ ياكى چۈشۈرۈلىدۇ.

3. نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش

ياشلار بېسىپ چىقارغان ياكى چۈشۈرگەن جەدۋىلىنى ئېلىپ، كىملىك (نوپۇس دەپتىرى)، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى (ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى)، بىر سۇڭلۇق يالاڭباش قىزىل تەگلىك كىنىشكا رەسىمىدىن ئىككىنى ئېلىپ، يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)، مەكتەپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاش پونكىتىغا بېرىپ نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

يېشى توشقان ياشلار ئادەتتە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا-بازار (كوچا)نىڭ قوراللىق بۆلۈمىدە نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار (مەيلى نوپۇسى مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن) مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاش پونكىتىدا نەق مەيداندا جەزملەشتۈرسە ياكى تەكشۈرسە بولىدۇ.

4. دەسلەپكى تەكشۈرۈش

يېزا-بازار (كوچا)، مەكتەپ قوراللىق بۆلۈمى مۇقىم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاش پونكىتى قۇرۇپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاتقان يېشى توشقان ئەر ياشلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن خالاس قىلىش ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە بولمايدىغانلىقىنى قانۇن بويىچە بېكىتىپ، «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملاش كىنىشكىسى»نى تولدۇرىدۇ ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ.

5. «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاش كىنىشكىسى»نى ئېلىش

يېزا-بازار (كوچا)، مەكتەپ قوراللىق بۆلۈمى ناھىيە دەرىجىلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئورگىنى تەكشۈرۈپ تامغا باسقان «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاش كىنىشكىسى»نى تىزىمغا ئالغان ياشلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى تىزىملاش كىنىشكىسى» ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېشىغا توشقان ياشلارنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: