新闻详情

ۋاكسىنىڭ كىملىك نۇمۇرى بار

发表时间:2021-01-06 18:25作者:ئەلكۈيى来源:سۇمۇرغ تورى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg





1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان بولۇپ، ھەر بىر ۋاكسىنىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاكسىنا ئېقىش يۆنىلىشىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق كىملىك بار ئىكەن، ۋاكسىنا قەيەرگە بارسا، شۇ ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەش ئارخىپقا خاتىرىلىنىدىكەن.


ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنىڭ ئورالمىسى چىراغ ئارقىلىق تەكشۈرۈش، دەستىسىنى ئايلاندۇرۇپ بەلگە چاپلاش، قۇتىغا قاچىلاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، كود بېرىش سىستېمىسى قاتارلىق ھالقىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

دۆلەت دورىگەرلىكى گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو بىيولوگىيە باش مۇدىرى ياڭ شياۋمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كودى ۋاكسىنىنىڭ« ئېلېكتىرونلۇق كىملىك» ىغا باراۋەر بولۇپ، جەمئىي ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: ھەر بىر ۋاكسىنا ئايرىم كود بېرىش، ھەر ئون ۋاكسىنىدىن تەركىب تاپقان ئىچىدە كود قاچىلاش، كۆپ خىل ئوتتۇرا ئورالمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ خالتىغا قاچىلاپ قايتا كود قوشۇش.


نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كودى ئارقىلىق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، ساقلاش، مال تارقىتىش، توشۇش قاتارلىق جەريانلارنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگىلى ھەمدە ئوكۇل سالغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.


图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: