دۇنيادىكى 8-باي ھەققىدە发表时间:2021-01-06 18:32来源:بەيدۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسى تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئەتىگەنلىك پاي بازىردا نوڭفۇ بۇلىقى(农夫山泉) شىركىتىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى% 3 بولۇپ، ئومۇمىي بازار قىممىتى 700 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى جۇڭ شىيىڭ دۇنيادىكى 6-چوڭ بايغا ئايلىنىپ، پاي ئىلاھى باففېتتىن ئېشىپ كەتكەن. 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىگىچە بازار يېپىلغاندا، جۇڭ جىنيەن ما يۈن، ما خۇاتېڭلارنى سىقىپ چىقىرىپ، ئاسىيادىكى يېڭى بىرىنچى باي بولۇش تەختىدە مۇقىم ئولتۇرۇپلا قالماي، يەنە(86 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) تەخمىنەن 555 مىليارد 569 مىليون يۈەن بىلەن دۇنيا بويىچە بايلار رەت تەرتىپىدە 8 ـ ئورۇنغا ئۆتۈپ، 7 ـ ئورۇندىكى پاي ئىلاھى ۋاررېن باففېت( 87 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا قىستاپ كەلدى ھەم گوگىلنڭ قۇرغۇچىسى پېچتىن ئېشىپ كەتتى. يېقىندا سىتى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ نوڭفۇ بۇلىقى(农夫山泉)« سېتىۋېلىش» دەرىجىسىنى باھالىدى، نىشان باھاسى 42.76 شياڭگاڭ پۇلىدىن% 37 تىن% 58.62 شياڭگاڭ پۇلىغا ئۆستۈرۈلدى. تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: نوڭفۇ بۇلىقى(农夫山泉) جۇڭگونىڭ ئىچىملىك سۇ ئوراپ قاچىلاش بازىرىدا ئۇدا سەككىز يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇلتۇر چاي، ئىنىرگىيەلىك ئىچىملىك ۋە مېۋە شىرنىسى بازىرىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولدى.
ئەنشىن ئاكسىيىسىمۇ تۇنجى قېتىم نوڭفۇ بۇلىقى(农夫山泉)گە دەرىجە باھالىدى ھەمدە ئالتە ئاي باھا قويۇپ 48 شياڭگاڭ پۇلى قىلىپ بېكىتتى. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 www.alkuyi.com |