新闻详情

شىنجاڭلىق گۈزەل ئارتىس

发表时间:2021-01-06 19:35作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




تاماشا چەمبىرىكىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر قىز بار، بۇ قىزمۇ دىلراباغا ئوخشاش شىنجاڭدىن كەلگەن، ئىنتايىن چىرايلىق.

كۆپچىلىكىنىڭ ھەممىسى «شىنجاڭدىن گۈزەللەر كۆپ چىقىدۇ» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ گەپ ھەقىقەتەن راستكەن، تاماشا چەمبىرىكىدىكى دىلرابا، گۈلنەزەر، مەدىنە، توڭ لىيا قاتارلىق شىنجاڭلىق گۈزەللەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلار گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چىرايى ۋە قاملاشقان بەدەن قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، تاماشا چەمبىرىكىدىكى داڭلىق ئايال چولپانلارغا ئايلاندى.

چېن خې گۇرۇپپىسىدىكى بۇ ئايال سەنئەتكارنىڭ ئىسمى خانقىز بولۇپ، ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن. 1996-يىلى شىنجاڭدا تۇغۇلغان. 2018-يىلى «مەملىكەتلىك ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» گە قاتناشقان. كېيىن يەنە «دۆلەتلىك گۈزەل ئۆسمۈرلەر» پىروگراممىسىغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا خانقىز ئۆزىنىڭ گۈزەل چىراي-تۇرقى ۋە ئۆلچەملىك بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى تېزلا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 2019-يىلى خانقىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى يىللىق كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

تاماشا چەمبىرىكىدە خانقىزنى كۆپىنچە كىشى تونۇمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىر قانچە ئۇنىۋېرسال پىروگراممىغا قاتناشقاندىن باشقا، ھېچقانداق ۋەكىللىك ئەسىرى يوق. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ گۈزەل چىرايىغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان مەستانىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. خانقىزنىڭ پەقەت تەقى-تۇرقى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنتايىن تالانتلىق دېيىشكە بولىدۇ. «دۆلەتلىك گۈزەل ئۆسمۈرلەر» پىروگراممىسىدا ئۇ بىر ئۇسسۇلغا تايىنىپلا، نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

كۆپچىلىك «شىنجاڭلىق گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسى بىر قېلىپتا قۇيۇپ قويغاندەك» دەپ قارىشىدۇ. لېكىن خانقىزنىڭ تەقى-تۇرقى دىلرابادىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. دىلرابا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خانقىز تېخىمۇ مۇلايىم كۆرۈنىدىغان بولۇپ، قارىماققا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى قوغداشنى ئويلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خانقىزنىڭ يۈزى ئىستېرېئولۇق، بۇرنى بەك قاڭشارلىق بولۇپ، بەش ئەزاسى بەكمۇ قاملاشقان.

خانقىز رول ئېلىشنى تېخى باشلىمىغان بولغاچقا ئۇنى چۈشىنىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن چېن خې خوجايىننىڭ ياردىمىدە، خانقىزنىڭ چوقۇم ياخشى تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. قانداقلا بولمىسۇن بىرىنچى سەپتىكى چولپان چېن خېمۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خانقىزنىڭ شارائىتىمۇ شۇنداق ياخشى، بىز خانقىزنىڭ بىر فىلىمدىلا رولغا چىقىپ، ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. خانقىزنى كۆرگەن تورداشلار: «ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن، رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بەك كۆرگۈم بار، تەقەززا بولدۇم» دېيىشكەن.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: