新闻详情

AC مىلان 3:1 يۇۋېنتۇس

发表时间:2021-01-07 12:02作者:alkuyi.com来源:pptv

640-24.gif640-59.png




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى سانسېرو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، AC مىلان ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇستىن كىچىك چىئېسانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، يۇۋېنتۇستىن دىبالانىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن كىچىك چىئېسا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، AC مىلاندىن لېئاۋنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن كالابرىيا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ يۇۋېنتۇستىن دىبالانىڭ پاس بېرىشى بىلەن كىچىك چىئېسا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇستىن مېچىننى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە AC مىلاننى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، دىبالانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، AC مىلان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كاستىللىخونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كىچىك چىئېسانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت بولغاندا، يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، دىبالانىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا پۇتىنىڭ كەينىدە چىرايلىق پاس بېرىشى بىلەن كىچىك چىئېسا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇس داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، كىچىك چىئېسانىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، AC مىلاندىن خاگېنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، چالخانئوغلۇنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 41 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، AC مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، AC مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، لېئاۋنىڭ پاس بېرىشى بىلەن كالابرىيا چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدە توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى كوماندا ھۇجۇم ھەم مۇداپىئەدە بىر-بىرىدىن قېلىشماي قاتتىق تىركەشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، دىبالانىڭ پاس يەتكۈزۈشى بىلەن كىچىك چىئېسا چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇس داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېچىننىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، AC مىلاندىن چالخانئوغلۇنىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كۇلۇسېۋىسكىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن مېچىننى قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە AC مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ، رەقىبىنىڭ يېڭىلمەسلىك ھالىتىگە خاتىمە بەردى.



分享到: