新闻详情

بىلباۋ ئاتلېتكا 3:2 بارسېلونا

发表时间:2021-01-07 12:09作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:sina

640-24.gif640-59.png




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان تولۇقلىما مۇسابىقە سانت مامېس توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا مېھمان مەيداندا بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسىدىن رائۇل گارسىيانىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن ۋىليامىس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كەينىدىنلا بارسېلونادىن پېدرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بارسېلونادىن مېسسى بىلەن پېدرى ياخشى ماسلىشىپ، مېسسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن گرېزماننىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بىلباۋ ئاتلېتكىدىن مۇنىيائىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى بىلباۋ ئاتلېتكا ئالدى بىلەن ھۇجۇم تەشكىللىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندىلا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بىلباۋ ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، گارسىيانىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن ۋىليامىس چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دېستنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېيوڭنىڭ پاس يەتكۈزۈشى بىلەن پېدرى توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالبانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئوسمان دېمبېلېنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 38 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، پېدرى بىلەن مېسسى ياخشى ماسىلىشىپ، پېدرىنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بارسېلونا ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 53 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يان رىپېر ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئوسمان دېمبېلېنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 62 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، گرېزماننىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بارسېلونا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا مېسسىنىڭ پاس بېرىشتىكى سەۋەنلىكى بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇنىيائىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى.


分享到: