新闻详情

مانچېستېر بىرلەشمىسى 2:0 مانچېستېر شەھىرى

发表时间:2021-01-07 12:15作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:ئەلكۈيى تورى

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى كونا تراففورد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىدىن سىتونس «خائىن توپ»تىن بىرنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مانچېستېر شەھىرىدىن گۇندوغان بىلەن فودېن بىردىن توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئىناۋەتسىز قىلىندى، دېبرۇينېنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0؛0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىدىن سىتونس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مانچېستېر شەھىرىدىن فېرناندىنھو يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سىتونس قايتقان توپنى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆز قاپقىسىغا توسۇپ كىرگۈزدى، ئەمما رىپېر راشفوردنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، گۇندوغان بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر ئوخشاشلا ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، برۇنۇ فېرناندېسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مانچېستېر شەھىرىدىن دېبرۇينېنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، فودېن يەكمۇيەك ھالەتتە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر يەنىلا ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0؛0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى مانچېستېر شەھىرى يەنىلا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 49 مىنۇت بولغاندا، مانچېستېر شەھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مانچېستېر شەھىرى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، فودېننىڭ توپ باشلىشى بىلەن سىتونس قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، سىتونسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ماھرىزنىڭ تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 82 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، فېرناندىنھو چەكلەنگەن رايون سىرتىدا قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجە بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم باستى.


分享到: