新闻详情

قانداق ئادەم شاھرۇھ خاننىڭ كۈيئوغلى بولالايدۇ؟

发表时间:2021-01-07 12:44作者:爱酷艺娱乐来源:爱酷艺网

640-24.gif640-59.png




شاھرۇھ خان بوللىۋودنىڭ پادىشاھى، لېكىن قىزى سۇھاننا خان ئۈچۈن ئۇمۇ باشقا دادىلارغا ئوخشاش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىزىنى ئاسرايدۇ. ئىلگىرى كاران جوھارنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا شاھرۇھ خان قىزىنى بەكلا قوغدايدىغانلىقىنى، قاتتىق باشقۇرغاچقا قىزىنىڭ ئۆزىدىن خاپا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن مەيلى قانچە باي ۋە داڭلىق بولسۇن، بەلكىم كۆپ قىسىم دادىلار مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن.


مۇھەببەتلىشىش ئىشىغا كەلگەندە شاھرۇھ خان 20 ياشلىق قىزى سۇھاننا خاننى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرىدۇ. ئۇ قىزىنىڭ قانداق ئوغۇللار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا قارىتا ناھايىتى ئېھتىياتچان. بىر قېتىم ژۇرنالنىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلغاندا، شاھرۇھ سۇھاننانىڭ ئوغۇل دوستى ھازىرلاشقا تېگىشلىك يەتتە شەرتنى تىزىپ چىققان. قېنى كۆرۈپ باقايلى، قانداقراق ئادەم شاھرۇھ خاننىڭ كۈيئول ئىمتىھانىدىن ئۆتەلەيدىكىن؟

1. چوقۇم ياخشى خىزمىتى بولۇشى كېرەك

ئەلۋەتتە، كىممۇ قىزىنىڭ ئىشسىز ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىشىنى خالىسۇن؟ ئەمما شاھرۇھ خاننىڭ قىزىغا كەلگەندە، بۇ تەلەپ تېخىمۇ قاتتىق. شاھرۇھ خان ئوغۇل تەرەپنىڭ ياخشىراق خىزمەت تېپىپ، كەسپىدە مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئاندىن قىزىغا گەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

2. ئۇنىڭ چوقۇم ئادۋوكاتى بولۇشى كېرەك

بۇ بەلكىم سەل غەلىتە ئاڭلىنىشى مۇمكىن، لېكىن شاھرۇھ خان سۇھاننانىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغان يىگىتنىڭ چوقۇم ئاۋۋال ئادۋوكات تېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەت شاھرۇھ خان ئۆزى بىلىدۇ.

3. ئۇياق شاھرۇھ خاننىڭ ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىغا تەييارلىنىشى كېرەك

شاھرۇھ خاننىڭ قىزىنى ئېلىپ، ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ، شاھرۇھ خانغا يېقىن تۇرۇش خام خىيالىنى سۈرىۋاتقان شاھرۇھ خان مەستانىلىرى بولدى تارقىلىپ كېتىڭلار! شاھرۇھ خانغا كۈيئوغۇل بولىمەن دېسەڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قېلىشىڭلار ئېھتىمالغا بەكرەك يېقىن. شاھرۇھ خان سۇھاننانىڭ ھەرقانداق ئوغۇل دوستىنى كۆرۈشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغان.

4. قارشى تەرەپ شاھرۇھ خاننىڭ ئۇنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك

شاھرۇھ خان قىزىنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشىنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقا ئاچچىقى يامان دادىلاردەك، شاھرۇھ خان ھەرۋاقىت سۇھاننا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.

5. سۇھاننانىڭ ئىشى ھەرۋاقىت شاھرۇھ خاننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش

شاھرۇھ خان يالغۇز ھىندىستاندىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى. ئەمما ئۇ گەرچە گىگانت چولپان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئىشى ھاياتىدىكى ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىم. بۇ شاھرۇھ خاننىڭ قىزىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا سۇھاننانىڭ ئوغۇل دوستى ھەر ۋاقىت شاھرۇھ خاننىڭ سوراق قىلىشى ۋە سۈرۈشتۈرۈشىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.

6. سۇھاننا ئازار يېسە، شاھرۇھ خاننى ئۇنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ

بۇ ھېچكىمنىڭ سۇھاننانى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، سۇھاننانىڭ دادىسى گىگانت چولپان بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە قىزىنى ناھايىتى قوغدايدۇ. شاھرۇھ خان ئەگەر سۇھاننانىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنىڭغا ئازار بەرسە، باشقا ئادەم ئەمەس دەل ئۆزىنىڭ بېرىپ ئۇنىڭ تاناۋىنى تارتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان.

7. شاھرۇھ خان قىزى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىشكە رازى!

شاھرۇھ خان قىزى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ، بۇ سۇھانناغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىشتەك ئېھتىماللىقنىڭمۇ ئۇنى قورقىتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئوغۇللار، ئېھتىيات!


分享到: