新闻详情

ئۈرۈمچىدىكىلەر دىققەت

发表时间:2021-01-07 16:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى، تاشقى ئايلانما يولى، شۇنداقلا شەھەر ئىچىدىكى يوللار بىر قەدەر تېيىلغاق.

تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى شوپۇر دوستلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتتى:

يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش، يول يۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 50 كېلومېتىردىن 60 كېلومېتىرغىچە بولۇش، ئەگمە يولغا كەلگەندە چوقۇم سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىش، جىددىي تورمۇز تۇتماسلىق ياكى رولنى كۈچەپ بۇرىماسلىق كېرەك.


ئاپتوموبىل ھادىسىسى يۈز بەرگەن ياكى ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلگەندە، تېزدىن ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن ئاز دېگەندە 50 مېتىردىن يىراق ئورۇنغا ئۈچ بۈرجەك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇش، ئاپتوموبىلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى ياندۇرۇش، ئادەملەر بىخەتەر جايغا چېكىنىش ھەمدە ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


يول يۈرۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئاپتوموبىل گەۋدىسىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلارنى پاكىز تازىلاپ، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ۋە باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا قار ياكى باشقا غەيرىي نەرسىلەر چاپلىشىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، چوقۇم پاكىز تازىلاپ، قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.


قار تازىلاش ئاپتوموبىللىرى ۋە قار تازىلاش ئىشچىلىرىغا يول بېرىشكە دىققەت قىلىش، يول توسۇلۇپ قالغاندا ئۆچرەت بويىچە يول يۈرۈش، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە چوقۇم بۇرۇلۇش چىرىغىنى ئالدىن ياندۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا يولنى ئۆزگەرتىپ، ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


شوپۇرلار قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك، تېز سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى دەرھال كېلىپ سىزگە ياردەم بېرىدۇ!


分享到: