新闻详情

خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش كېرەك

发表时间:2021-01-07 21:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:پارچىلار سالونى

640-24.gif640-59.png

نېمە ئۈچۈن خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش كېرەك؟


تۈزگۈچى: مىھرىئاي ئىلھام | ئاۋازدا: زۇلھايات ئەركىن





شىركەتتە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن ئىشلىمىگەنلىكى، قوشۇش-ئېلىش مۇناسىۋىتى بولماستىن، بەلكى كۆپەيتىش-ئېلىش مۇناسىۋىتى بولىدۇ. ئەگەر بىر خىزمەتچى ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىمىسە، ئۇنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن بىر كوللىكتىپنىڭ نەتىجىسى كۆپ ئارقىدا قالىدۇ. شۇڭلاشقا شىركەت ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ھەر بىر خادىم ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
بۈگۈن بىز جۇڭگودىكى داڭلىق باي لىيۇ يوڭشىڭ ھەققىدە بىر ھېكايە ئاڭلايمىز، ئاندىن خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش ھەققىدە توختىلىمىز.
لىيۇ يوڭشىڭ «يېڭى ئۈمىد» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 2008-يىلى ئۇ جوڭگۇ فوربىس بايلار تىزىملىكىدە 20 مىليارت بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. لىيۇ يوڭشىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا، دائىم چەتئەلگە چىقىپ ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسپتىكىلەرنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. مەلۇم بىر قېتىم ئۇ كورىيەگە بېرىپ، كورىيە شىجې ئۇن زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. بۇ زاۋۇتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لىيۇ يوڭشىڭ ئۇدا بىرنەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدى، چۈنكى زاۋۇتتا كۆرگەنلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئاران 66 ئادەم ئىشلەيدىغان بۇ ئۇن زاۋۇتىنىڭ بىر كۈندە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇنى 1500 توننا ئىدى. ھالبۇكى لىيۇ يوڭشىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بۇ زاۋۇت بىلەن ئوخشاش كۆلەملىك زاۋۇتى، بىر كۈندە ئاران ئۇلارنىڭ ئالتىدىن بىرىچىلىكلا ئۇن ئىشلەپچىقىرالايتى. پەرق نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بولىدۇ؟
لىيۇ يوڭشىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن زاۋۇتقا قايتا باردى، زاۋۇتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ بۇ زاۋۇتنى چۈشەنگەنسېرى، تېخىمۇ ھەيران قالدى.
كورىيەنىڭ بۇ شىركىتى بۇرۇن جۇڭگودىمۇ زاۋۇت قۇرغان بولۇپ، زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ سانى كورىيەدىكى زاۋۇتتىن 3 ھەسسە كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇن يەنىلا كورىيەدىكى زاۋۇتنىڭ ئالتىدىن بىرىچىلىكلا بولغان. دېمەك، ئوخشاش ئەسلەھە، ئوخشاش كورىيەچە باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۇرۇپمۇ، 10 كورىيەلىك ئىشچىنىڭ ئىشىنى جۇڭگودىكى زاۋۇتتا 100 ئىشچى قىلغان.
ئۈنۈمنىڭ بۇقەدەر تۆۋەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، شىركەت جۇڭگودىكى زاۋۇتنى تاقىۋەتكەن.
لىيۇ يوڭشىڭ ئەينى چاغدا جۇڭگو ئىچكى موڭغۇلدا قۇرۇلغان زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇ بۇ كىشىدىن: «نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئەسلەھە، ئوخشاش باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا جۇڭگودىكى زاۋۇتتا شۇنچە كۆپ ئادەم ئىشلەيدۇ؟» دەپ سورىدى. بۇ سابىق زاۋۇت باشلىقى بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، سىپايىلىق بىلەن: «جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلماسلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك» دەپ جاۋاپ بەردى.
زاۋۇت باشلىقىنىڭ سىلىقلاشتۇرۇپ دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزى لىيۇ يوڭشىڭنى يەنە نەچچە كېچە ئۇخلاتمىدى. خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىمەسلىكى سەۋەبىدىن ئىككى زاۋۇت ئارىسىدا 10 ھەسسە پەرق شەكىللەنگەن. ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىشى ئەجىبا شۇنچە مۇھىممۇ؟ كورىيەلىكلەرنىڭ بىرمۇنچە مەبلەغ سالغان زاۋۇتىنى زىيان بولسىمۇ تاقىۋېتىشىدىكى سەۋەپ ئەسلى مۇشۇكەندە؟! بۇ ساۋاق ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاچچىق ئىدى.
ئۇنداقتا «خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش» دېگەن زادى قانداق بولىدۇ؟
خەلق گېزىتى مىكرو بىلوگىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز ئېلان قىلىنغان:
خىزمەتنى دوكلات قىلغاندا، نەتىجىنىلا تىلغا ئېلىش؛ خىزمەتتىن يوليورۇق سورىغاندا، لايىھەنى سۆزلەش؛ خىزمەتنى خۇلاسىلىغاندا، باسقۇچلارنى سۆزلەش؛ خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۆلچەمنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ تۆۋەندىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندە، جەرياننى سوراش؛ خىزمەتنى ئۆتكۈزگەندە، ئەخلاققا دىققەت قىلىش؛ خىزمەتنى ئەسلەپ چىققاندا، ھېس قىلغاننى سۆزلەش؛ خىزمەتنى باشقۇرغاندا، قارغۇلارچە ئالدىراشلىقتىن ساقلىنىش؛
يۇقارقى مانا بۇ بىر ئابزاس سۆزنى «خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش» نىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدۇ، بۇنى چوقۇم دەپتىرىمىزگە يېزىۋېلىشىمىز كېرەك.
ھېچقانداق خوجايىن ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، مەلۇم بىر كۈنىگە كەلگەندە شىركىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ئويلىمايدۇ. بىراق %90 شىركەت ئاخىرىدا ۋەيران بولۇپ، تاقىلىپ قالىدۇ. خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىمەيدىغان خىزمەتچىلەر، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى توسۇپ قويىدۇ؛ خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىمەيدىغان شىركەت بولسا ئۆزىنىڭ ئىشكىنى ئۆزى تاقايدۇ؛ شۇڭلاشقا، خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، ھەر بىر خىزمەتچى خادىم ۋە شىركەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
«كۈندە بىر چىشلەم سودا ئىلىمى» سەھىپىسىنىڭ بۈگۈنكى سانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.
ھەر كىچىك ھېكايىدە چوڭ ھېكمەت بار. خەير-خوش دوستلار، ئەتە كۆرىشەيلى!



分享到: