新闻详情

ئىشلار نىمىشقا سىز ئويلىغاندەك چىقمايدۇ؟

发表时间:2021-01-07 21:59作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى

640-24.gif640-59.png

ئويلاپ باقمىغان ئىش يۈز بەرسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟


تۈزگۈچى: مىھرىئاي ئىلھام

ئېنگىلىزلاردا: «ئەتىنىڭ ياكى كۈتۈلمىگەن ئىشنىڭ قايسى بالدۇر كېلىدۇ، بىز مەڭگۈ بىلمەيمىز» دەيدىغان ماقال بار. كەلگۈسى ھامان ئېنىقسىز بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا قارىساقمۇ بىز پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنىڭ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، بۇندىن 4 يىل بۇرۇن تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولىشىنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان؛ تېخى 90-يىلىلا تۇغۇلغانلارنىڭ چېچىنىڭ بۇنچە بالدۇر چۈشۈپ كېتىشىنى، بۇرۇن ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان؛ بىر تال قول تېلىفۇنىدا تۆت تال كامېرا بولۇشنى كىشىلەر بۇرۇن تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغان…

مانا مۇشۇنداق بىز پەقەت ئويلاپ باقمىغان، لېكىن ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى «قارا ئاققۇ» دەپ ئاتايمىز. بۇ ھېكايىنى ناھايىتى بۇرۇنقى «پەقەت ئويلاپ باقمىغان» بىر ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇندىن 400 يىل بۇرۇن ياۋروپادا ياشايدىغان كىشىلەر ئاققۇنى ئاق بولىدۇ دەپ ئويلايتى، شۇڭا بۇ چىرايلىق قۇشقا «ئاققۇ» دەپ نام بەرگەن. ئېنگىلىز تىلىدا ئاققۇ ئالىيجاناپلىقنىڭ، ساداقەتمەنلىكنىڭ ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. كىشىلەرمۇ ھەم «قارا ئاققۇ» دېگەن سۆز بىلەن مەۋجۈت ئەمەس ئىشلارنى تەسۋىرلەيتى. بىراق ئىنسان ھەممىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس، ئەلۋەتتە! 1697-يىلى ئاۋىستىرالىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى قارا ئاققۇنىڭ بارلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىدى، ياۋروپالىقلارنىڭ ئاققۇغا بولغان ئېتىقادى بىراقلا بۇزۇلۇپ كەتتى. ئۇلار دۇنيادا قارا ئاققۇنىڭمۇ بارلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

قارا ئاققۇغا ئائىت بۇ ھېكايىگە ئاساسەن، ئامېرىكىلىق يازغۇچى نىكولاس تالېب داڭلىق «قارا ئاققۇ نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداقتا بۇ نەزەرىيىنىڭ مەنىسى نېمە؟

بۇ، بىزنىڭ ئويلاش دائىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەن، زىيان ئېلىپ كېلىش دەرىجىسى چوڭ بولغان، پەرەز قىلىش تەس بولغان ئىشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولىدۇ. مەسىلەن، تايتانىك پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى، 911 ۋەقەسى، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە بۇ يىلقى يۇقۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىپىك بولغان «قارا ئاققۇ» ۋەقەسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

«قارا ئاققۇ» ۋەقەسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئالاھىدىكى بار: تاسادىپىيلىق، زور زىيان سېلىش كۈچى ۋە مۆلچەرلەش تەس بولۇش.

ھەر قېتىم «قارا ئاققۇ» ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ناھايىتى ھەيران قالىدۇ-يۇ، ۋەقەدىن كېيىن ئىشلارنى كاللا قاتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى پالۋان بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇ-بۇ سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ، بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرىدۇ. مانا بۇ «قارا ئاققۇ نەزەرىيىسى» دۇر.

«قارا ئاققۇ ۋەقەسى» نىڭ مەۋجۈتلىقىنى تونۇپ يەتمەسلىك، قورقۇنۇچلۇق خاتالىق؛ «قارا ئاققۇ ۋەقەسى» گە پەرۋاسىز قاراش بولسا نادانلىق بولۇپ، بۇ تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق.

ئۇنداقتا «قارا ئاققۇ ۋەقەسى» گە يولۇققاندا قانداق قىلىشمىز كېرەك؟

«قارا ئاققۇ» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى تالېب بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى پىسخىكا جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى، مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىمى ئۈچىنچى ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۇسۇل «شىتانكا تاكتىكىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم، شىتانكىنىڭ ئىككى بېشى ئېغىر، ئوتتۇرىسى يېنىك بولىدۇ. شىتانكا تاكتىكىسىدا، شىتانكىغا ئوخشاش، بىرلا ۋاقىتتا زىيادە كونسېرۋاتىپلىق ۋە زىيادە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر قارار چىقىرىشتا ياكى كونسىرۋاتىپلىقنى، ياكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى تاللايدۇ. ئەگەر سىز كونسىرۋاتىپلىقنى تاللىسىڭىز، ئۈنۈم بەكلا تۆۋەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى تاللىسىڭىز، بۇنىڭ خەتىرى ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن شىتانكا تاكتىكىسىنىڭ ئاجايىپ تەرىپى، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

مەسىلەن، شىركەت مەبلەغ سالغاندا، 95% مەبلىغىنى كونسىرۋاتىپ مەبلەغ سېلىش تۈرىگە ئاجرىتىپ، 5% مەبلەغنى خەتىرى چوڭ، پايدىسىمۇ چوڭ مەبلەغكە ئاجرىتىش ئارقىلىق، بۇ ئىككى خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرسە بولىدۇ. بۇنى «قارا ئاققۇ ۋەقەسى» گە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى دىيىشكە بولىدۇ.

لى جىياچېڭ بۇرۇن: «ئەگەر كېمىگە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا چىقساق، ھاۋارايىنى ئېنىق بىلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزدىن قايتا-قايتا، ئەگەر 10 -دەرىجىلىك تەيفېڭغا يولۇقسام قانداق قىلىمەن دەپ سوراشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن. بۇ، جۇڭگولۇق ئەڭ باي كىشىنىڭ سودا دېڭىزىدا نەچچە ئون يىل ئۈزۈش جەريانىدا ئۇچراتقان قارا ئاققۇ ۋەقەلىرىگە بولغان ھۇشيارلىقى بولۇپ، بۈگۈنكى شىتانكا تاكتىكىسى سىزگە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملىك بىر ئۇسۇلنى ئېيىتپ بەرگەن.

«كۈندە بىر چىشلەم سودا ئىلىمى» سەھىپىسىنىڭ بۈگۈنكى سانى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

ھەر كىچىك ھېكايىدە چوڭ ھېكمەت بار. خەير-خوش دوستلار، ئەتە كۆرىشەيلى!


分享到: