新闻详情

مىسسى 1-لىككە ئۆتتى

发表时间:2021-01-08 11:11作者:ئەلكۈيى来源:直播吧

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان تولۇقلىما مۇسابىقە سانت مامېس توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا مېھمان مەيداندا بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەردى.

«Gracenote Live» تاراتقۇسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، مېسسىنىڭ بارسېلوناغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە مېھمان مەيداندا كىرگۈزگەن توپ سانى 250 توپقا يەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا كوماندا تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان رودرىگوزنىڭ ساھىبخان ۋە مېھمان ھەم شۇنداقلا بىتەرەپ مەيداندا ئوينىغان مۇسابىقىلەردە جەمئىي 232 توپ كىرگۈزگەن.

نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تورى «Opta»نىڭ كۆرسىتىشىچە، مېسسى يېڭى سان مامېس توپ مەيدانىدا ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تۇنجى توپچىسىغا ئايلانغان. ئالدىنقى قېتىم مېھمان مەيداندا بىلباۋ ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ كىرگۈزەلىگەن ئەھۋال، 2002-يىلى 4-ئايغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ساۋىئولا كونا سان مامېس توپ مەيدانىدا ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا مېسسى بۇ كىرگۈزگەن ئىككى توپىغا تايىنىپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان سۇئارېز بىلەن تەڭلەشكەن.

نۆۋەتتە بىرلەشمە مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە، جەمئىي تۆت نەپەر توپچى توققۇز توپ كىرگۈزگەن، ئۇلار بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋىللارېئال ھۇجۇمچىسى گېرارد، سېلتا ھۇجۇمچىسى ئاسپاس، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇمچىسى سۇئارېز ۋە بارسېلونا كاپىتانى مېسسى ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سۇئارېزنىڭ كىرگۈزگەن توققۇز توپى ئىچىدە بىرمۇ نۇقتا توپ يوق ئىكەن

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: