|
بايلار تىزىملىكى ئۆزگەردى发表时间:2021-01-08 11:19作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى تورى CNBCنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەيشەنبە كۈنى تېسلانىڭ پاي باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، بۇنىڭ بىلەن تېسلانىڭ CEO سى ئېلون ماسكنىڭ بايلىقى 185 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئامازوننىڭ CEO سى بېزوستىن ئېشىپ كەتكەن، كېيىنكىسى 2017-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ھازىر بايلىقى تەخمىنەن 184 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. تېسلا پاي باھاسى 2020 ـ يىلى توققۇز ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ شەخسىي ساپ مۈلكى ئۆتكەن بىر يىلدا 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتون تەرەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەچكە، ئامازوننىڭ پاي باھاسى ئىزچىل بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتتە تۇرماقتا. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 www.alkuyi.com |
|