新闻详情

تىيەنجىن VSشىنجاڭ

发表时间:2021-01-08 11:32作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:00تە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تيەنجىن كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن زىڭ لىڭشۈنىڭ يارىسى تولۇق ساقايمىغاچقا مۇسابىقىگە قاتناشمىدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 119-106 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، تيەنجىن كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى ھەر ئىككى كوماندا كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، تيەنجىن كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ نومۇر پەرىقىنى ئازىراق چوڭلاتتى، شىنجاڭ كوماندىسى بىر نومۇر كەينىدە قالدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ تيەنجىن كوماندىسى 25:26 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

2-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا تيەنجىن كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، 2-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 61-45 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

3-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، تيەنجىن كوماندىسى كۈچىگەن بولسىمۇ نومۇر پەرىقىنى كىچىكلىتىشكە ئامال قىلالمىدى، 3-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 78:95 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ياش ماھىرلارغا پۇرسەت بېرىپ مەيدانغا چىقاردى، تيەنجىن كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نومۇر پەرىقىنى كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئېشىپ كېتەلمىدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 119-106 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، تيەنجىن كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋ چى 41 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، ئىككى قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ تاڭ سەييۈ سەككىز نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چى لىن 18 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ موتېيۇناس 30 نومۇر، 14 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لياڭ يىڭچى سەككىز نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ دېخاۋ سەككىز نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋۇ يوڭشېڭ ئۈچ نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لۇتپۇللا ئىككى نومۇر، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

تيەنجىن كوماندىسىدىن تروتې 17 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئېدۋاردىس 11 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىن تىڭچيەن 16 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مېڭ زىكەي 11 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شى دېشۈەي 14 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جىن شىن 11 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com


分享到: