新闻详情

ئادەتتىكى كىشىلەر قاچان ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدۇ؟

发表时间:2021-01-08 12:16作者:ئەلكۈيى来源:CNR

640-24.gif

640-59.png

3.jpg




يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتتىڭىزمۇ؟ بۇ يېقىندىن بۇيان كىشىلەر ئارا، دوستلار ئارا سۆھبەتلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېما بولۇشى مۇمكىن.

بۇلتۇر يىل ئاخىرى ۋە بۇ يىل كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن جايلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش رەسمىي باشلاندى. ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئالدىن بىلىۋېلىڭ!

نۇرغۇن جايلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلاندى!

2021-يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلاندى.

گەرچە نۇرغۇن جايلاردا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمارلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش رەسمىي باشلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشتە يەنە بىر بىخەتەرلىك توسۇقى كۆپەيدى.

يېڭى يىلدىن بۇرۇنلا دۆلەت ئىچىدە قىسمەن رايونلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش باشلاندى. مەسىلەن، شەنشى ئۆلكىسىدىكى نۇقتىلىق كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى 2020-يىلى 25-دېكابىر ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. تۇنجى تۈركۈمدە تاموژنىدىكى تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش خادىملىرى، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش خادىملىرى، چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى قاچىلاش، توشۇش خادىملىرى ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەندى.

بۇنىڭدىن باشقا، شېنجېندىمۇ يېقىندا نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى توققۇز تۈرلۈك يۇقىرى خەتەر ئىچىدىكى كىشىلەرگە ئەملەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق ساقلىنىدىغان ئەشيالار ئوبوروتىغا ئالاقىدار خادىملار، ئايرىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچىلەر، تاموژنىدىكى تەكشۈرۈش خادىملىرى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنى ئارقىلىق بىرتۇتاش ئالدىن كېلىشىپ ۋاكسىنا ئەملەندى.

2020-يىلى 28-دېكابىردىن باشلاپ، شېنجېندىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈچ خىل كىشىلەر، يەنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلار، شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلار ئۆز ئالدىغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولىدۇ.

شاڭخەيدىمۇ بالدۇرلا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملىنىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارغا ئەملەندى.

بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يېقىندا تەپسىلىي ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى.

ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش كۆرسەتمىسى بويىچە، بېيجىڭدا 2021-يىلى چاغاندىن بۇرۇن، توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە باشقا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرىغا، جۈملىدىن سوغۇق ساقلىنىدىغان بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىدىغان چېگرا ئېغىزى بىرىنچى سېپىدىكى تاموژنا تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش خادىملىرى، چېگرا ئېغىزىدا قاچىلاش، چۈشۈرۈش، يۆتكەش، توشۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار خادىملار، ھۆكۈمەت ئىشى، شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغانلار، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى قاتارلىقلارغا جىددىي ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىلەرنىڭ يېشى 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولۇشى كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، بېيجىڭدا 2021-يىلى يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا تۇنجى ۋاكسىنا ئەملەش تاماملىنىدۇ، ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەش تاماملىنىدۇ.

تۇنجى تۈركۈمدىكى توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەر 200 مىڭغا يېتىدۇ.

ئادەتتىكى كىشىلەر قاچان ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدۇ؟

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى 2020-يىلى 31-دېكابىر ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش مەخسۇس بەنىنىڭ مەسئۇلى زېڭ يىشىن مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىخەتەر بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. ۋاكسىنىنىڭ باھاسى ئىشلىتىش كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئۆزگىرىشى مۇمكىن، لېكىن بىر چوڭ ئالدىنقى شەرت شۇكى، ئومۇمىي خەلققە چوقۇم ھەقسىز ئەملىنىدۇ».

يېقىندا، نۇرغۇن جايلار ھەقسىز ئەملەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

شېنجېندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: توققۇز خىل يۇقىرى خەتەرلىك ئىش ئورنىدىكى خادىملارغا ۋاكسىنا ئەملەش ھەققىنى ھۆكۈمەت مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر پۇل چىقارمىسىمۇ بولىدۇ.

گۇاڭشىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان كىشىلەرنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈپ ۋاكسىنا ئەملەيدىغانلىقىنى، ھازىرقى باسقۇچتا ھەقسىز ئەملىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئۇنداقتا ئادەتتىكى كىشىلەر قاچان ۋاكسىنا ئەملىتەلەيدۇ؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سۈي گاڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋاكسىنا ئەملەش تاكتىكىسى «ئىككى قەدەمگە بۆلۈش» لايىھەسى بويىچە بولىدۇ.

بىرىنچى قەدەمدە، ئاساسلىقى قىسمەن نۇقتىلىق كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.

ئىككىنچى قەدەمدە، ۋاكسىنىنىڭ شەرتلىك تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىنىشى ياكى ۋاكسىنا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋاكسىنا ئەملەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر قىسىم ئادەتتىكى كىشىلەر يەنە بىر مەزگىل سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشى كېرەك.

بېيجىڭنى مىسالغا ئالساق، ھازىر شەخسلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئىشى تېخى باشلانمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان پىلان بويىچە، بەلكىم 2021-يىلى 2-ئايدا، توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش ئاساسىدا، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن قالغان كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشى مۇمكىن.

ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىلىۋېلىش كېرەك!

━يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى قانچە قېتىم ئەملىنىدۇ؟

تەۋسىيە قىلىنغان ئىممۇنىتېت تەرتىپى ئىككى قېتىم بولۇپ، ئىككى قېتىملىق ئەملەشتە ئاز دېگەندە 14 كۈن ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك. ئەملەشتە ئوكۇل ئۈستۈنكى بىلەك ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلىغا ئۇرۇلىدۇ. ئىممۇنىتېت تەرتىپىنى خالىغانچە تەڭشەش بىخەتەرلىككە، ئىممۇنىتېتنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈنۈمى ۋە ئىممۇنىتېتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

__ئەملەش ئوبيېكتى قانداق ئەھۋاللاردا ئەملەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشى كېرەك؟

ھازىرقى باسقۇچتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

يېشى 18 ياشقا توشمىغان ياكى 59 ياشتىن ئاشقانلار؛

ۋاكسىنا تەركىبىدىكى ھەرقانداق تەركىبكە زىيادە سەزگۈرلەر، ئىلگىرى ۋاكسىنا ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە قىلغانلار، مەسىلەن: جىددىي خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، يەلتاشما، تېرە ھۆل تەمرەتكىسى، نەپەس قىيىنلىشىش، قان تومۇر نېرۋا مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلگەنلەر ياكى قورسىقى ئاغرىغانلار؛

قىزىغانلار، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئېغىر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلار؛

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە پەرزەنتلىك بولۇش پىلانى بارلار؛

تارتىشىپ قېلىش، تۇتقاقلىق كېسىلى، مېڭە كېسىلى ياكى روھىي كېسەللىك تارىخى ياكى ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بارلار؛ كونترول قىلىنمىغان تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار ۋە باشقا ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك نېرۋا سىستېمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، گىلەن-باررې ئۇنىۋېرسال كېسەللىك تارىخى بارلار؛

تۇغما ياكى غەيرىي تۇغما خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى، ئەيدىز كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى، ئاق قان كېسىلى ياكى باشقا ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار؛

ئېغىر نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى، ئېغىر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، جىگەر-بۆرەك كېسەللىكلىرى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى مەلۇم بولغانلار ياكى شۇ خىل كېسەللىكلەردىن گۇمان قىلىنغانلار؛

ئۆسمىگە قارشى دورا قاتارلىق ئىممۇنىتېتنى تەڭشىگۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەنلەر؛

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش تارىخى بارلار؛

كىلىنىكا دوختۇرى ياكى ۋاكسىنا ئەملەش خادىملىرى.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى HPV ۋاكسىنىسى قاتارلىق باشقا ۋاكسىنىلار بىلەن بىللە ئەملەشكە بولامدۇ؟

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئارىسىدا گىرەلەشمە رېئاكسىيە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئېرىشكىلى بولىدىغان بارلىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا بولۇپ، بىخەتەرلىكىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى.

بىراق، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىدىن ئىبارەت بۇ ۋاكسىنا جەمەتىنىڭ يېڭى ئەزاسىغا نىسبەتەن، تېخنىكا قوللانمىسى قاتارلىق ھۆججەتلەر تېخى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ۋاقتىنچە باشقا ۋاكسىنىلار بىلەن بىللە ئەملەش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ. لېكىن غالجىر كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغانلارغا غالجىر ۋاكسىنىسى ئەملەش، باشقا تاشقى زەخىملىنىشلەرگە قاتما كېسىلى ۋاكسىنىسى ئەملەشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئەملەش كېرەك.

14 كۈن ئىچىدە باشقا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلار، 28 كۈن ئىچىدە زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلارغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش كېرەك.

__ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن قانداق ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن؟

باشقا ھەرقانداق ۋاكسىنىغا ئوخشاش، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن، بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى رېئاكسىيەلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئەملىگەن ئورۇن چىڭقىلىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىقلار.

ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەردە يەككە پەرق تۈپەيلىدىن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئادەتتە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، كۆپىنچىسى 3-2 كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېغىر ناچار ئەھۋاللار بايقالمىدى.

ۋاكسىنا تەركىبىدىكى تەركىبلەرنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ناچار تەسىر، ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىدە مەسىلە بارلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

__بەزىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغان، نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بولىدۇ؟

بۇ بەلكىم تاسادىپىي ئەگەشمە كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن.

تاسادىپىي ئەگەشمە كېسەللىك دېگىنىمىز، ئەملەنگۈچى ۋاكسىنا ئەملەنگەندە مەلۇم كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى ئالدىنقى قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقتىن، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىنگە توغرا كېلىپ قېلىپ كېسەل قوزغىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

تاسادىپىي ئەگەشمە كېسەللىكنى ۋاكسىنىنىڭ خاس خۇسۇسىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، يەنى تاسادىپىي ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ۋاكسىنىنىڭ سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشلىقى يوق.

__يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئالدى-كەينىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتىن بۇرۇن، ۋاكسىنا ئەملىگەن دوختۇر سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىش كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەپ بولغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇپ كۆزىتىش، ۋاكسىنا ئەملىگەن كۈنى ئوكۇل سالغان ئورۇننى قۇرغاق ساقلاش ھەمدە شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆزىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان نەرسىلەر ۋە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئامال بار ھاراق ئىچمەسلىك، ئاچچىق-چۈچۈك ياكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، مايسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش لازىم.

__ ناچار تەسىر پەيدا بولسا، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ناچار تەسىر قىزىش، ۋاكسىنا ئەملىگەن ئورۇن قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەتتە 3-2 كۈن ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدۇ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز.

ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ياكى ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئۆز ئالدىغا باھا بەرگىلى بولمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

__يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ئېغىر ناچار تەسىر كۆرۈلسە قانداق دوكلات قىلىش كېرەك؟

ۋاكسىنا ئەملەش تەجرىبىسىگە قارىغاندا، ئادەتتە ۋاكسىنىنىڭ ئەملىگەندىن كېيىنكى ئېغىر ناچار تەسىرى ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى 30 مىنۇت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئۇنى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدىكى دوختۇرغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېغىر ناچار تەسىر كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلىنغاندا، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدىكى دوختۇرغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.


图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片5.jpg




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com





分享到: