|
تۈنەش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ پەرقى发表时间:2021-01-08 12:37作者:ئەلكۈيى来源:CNR دائىم تۈنەش ۋە ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشتىن كەچۈرۈپ باققان بىر خىل كەچۈرمىش. گەرچە ئىككىسى قارىماققا ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇئەييەن پەرق بار. دائىم تۈنەش بىر خىل سۇبيېكتىپ شەخسىي ھەرىكەتكە تەۋە بولسا، ئۇيقۇسىزلىق بىر خىل ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك. دائىم تۈنەش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا قوللىنىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە دائىم تۈنەش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىملەرنى تونۇشتۇرىمىز.
ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا دائىم چىلان، نېلۇپەر گۈلى، كۆممىقوناق ۋە تېرىق قاتارلىقلار بىلەن قۇۋۋەت تولۇقلاپ، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەردىن ئېتىلگەن ئۇماچ ياكى قىزىل پۇرچاق شېكەر سۈيىنى ئېچىپ بېرىش لازىم. دائىم ئۇيقۇسىز يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ تەن قۇۋۋىتى ۋە زېھنى كۈچى ئاجىزلاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدىغان بولغاچقا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشىگەندىن باشقا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئازراق ئىلمان قايناق سۇدا پۇتنى چىلاپ، پېشانىسىدىن ئازراق سوغۇق تەر ئاققۇزۇپ، بۇنىڭغا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق قان ئايلىنىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئۇزۇن مەزگىل تۈنەپ تاڭ ئاتقۇزغان دوستلارغا قارىتا كۆپچىلىك چوقۇم دەم ئېلىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا بۇ خىل ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاق مۇددەت تۈنىگەندە ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرى ۋە تېرىسى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ئادەتتىكى ئەھۋالدا قېنىپ ئۇخلاشقا دىققەت قىلىشى، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى، نىسپىي ھالدا ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ، بۇ ئارقىلىق ئورگانىزملارنىڭ نورمال خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشى لازىم. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 www.alkuyi.com |
|