新闻详情

تىرامپ ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى

发表时间:2021-01-08 15:18作者:爱酷艺来源:腾讯

640-24.gif640-59.png




ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ 7-چېسلا سەھەردە خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنت زۇڭتۇڭ جورج بايدېننىڭ سايلىغۇچىلار ئۆمىكى ئەزالىرى سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ: «بۇ قارار ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زۇڭتۇڭنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېدى.

تىرامپ بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «گەرچە مەن سايلام نەتىجىسىنى تامامەن ئېتىراپ قىلمىساممۇ، ئەمەلىيەتمۇ مېنىڭ كۆز قارىشىمنى ئىسپاتلىدى، لېكىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تەرتىپلىك ھوقۇق ئۆتكۈزۈش كۈنى بولىدۇ».

CNNنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تىرامپ سايلام نەتىجىسى «ساختا» دېگەن خاتا قاراشنى قايتا تەكىتلىدى، بۇ قاراشلار بىر توپ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى پارلامېنت بىناسىغا بۆسۈپ كىرىشكە قۇتراتتى.

تىرامپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، بىز داۋاملىق تىرىشىپ قانۇنلۇق سايلام بېلىتىنى ھېسابلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. گەرچە بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زۇڭتۇڭنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت».

شۇ يەر ۋاقتى 7-يانۋار سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرى بىرلەشمە يىغىنىدا بېلەت ھېسابلانغاندىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بايدېن 306 بېلەت بىلەن 46-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى، خارىس مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى پېنس بېلەت ھېسابلاشنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى نەتىجىنى ئېلان قىلدى.

كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، كومىتېت ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنس ۋە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 25-لايىھەسىنى ئىشلىتىپ، تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان.

بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى سىن باياناتىدا، تىرامپ روھىي جەھەتتىن ساغلام ئەمەسلىكىنى، 2020-يىللىق سايلام نەتىجىسىنى يەنىلا بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. تىرامپنىڭ زوراۋانلىق ۋە جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشقا قۇترىتىپ، سايلام نەتىجىسىنى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئارزۇسى ئېنىقكى بۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن».

چارشەنبە كۈنى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا، سايلامدا «ساختىلىق» ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايتا تەكىتلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان بىر يازمىدا مۇنداق دېيىلدى: «سايلام غەلىبىسى مۇشۇنداق خالىغانچە ۋە يامان غەرەزدە ئۇزاقتىن بۇيان قەبىھ ۋە ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغاندا، مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ. مۇھەببەت ۋە ئامان-ئېسەنلىكنى ئېلىپ ئۆيگە قايتايلى. بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز».

كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بۇ يازمىلارنى توسۇپ قويغان ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى نومۇرىنى 12 سائەت توڭلاتقان.

ئامېرىكا پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر

بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىمۇ تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىرامپنى قوللايدىغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئامېرىكا پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ داھىيسى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)غا تىرامپنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن تەختتىن چۈشۈشى كېرەك، دەپ قارىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى CNN غا مۇنداق دېدى: ھازىرقى زۇڭتۇڭنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاز قالغان بولسىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا بولىدۇ. بۇ سابىق ئەمەلدار مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ پۈتكۈل تۈزۈلمىگە غايەت زور زەربە بولدى، بۇ ئىشتىن كېيىن، سىز ئۇنى يەنە ئىككى ھەپتە ساقلىيالامسز؟»

CNN مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ (گەرچە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولسىمۇ)، كېڭەش پالاتاسى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تىرامپنىڭ يەنە بىر قېتىم فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 25-لايىھەسىنى ئىشلىتىپ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنس ۋە ئىچكى كابىنېتتىكى كۆپ سانلىق ئەزالاردىن تىرامپنى بېلەت تاشلاپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ «ئۆز ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى».




分享到: