新闻详情

سوۋېت ئىتتىپاقى يەرنى كولىغاندىن كىيىن

发表时间:2021-01-08 15:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png



ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئەۋزەللىكى بولىدۇ، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر يەنىلا پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرما قىلىپ باھا بېرىدۇ. ئەمما، خەلق تەمسىلىدە ئېيتىلغاندەك «رىم بىر كۈندىلا قۇرۇلغان ئەمەس»، بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي شارائىتقا ئاساسەن ئىش قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يار بەرمىگەن ئەھۋالدا بەك كۆپ زېھنىنى پەن تەتقىقاتقا تەييارلىق قىلىشقا قاراتسا، ئاخىرىدا پەقەت خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ خالاس.

مەسىلەن، ئەينى يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئامېرىكا بىلەن مەنپەئەت تالىشىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇسۇلنى خاتا تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى ۋە ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ بىراقلا باش كۆتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋاقتى بولغاچقا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. يەنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.

1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەن-تەتقىقات جەھەتتىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلاپ، ئامېرىكىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك پەن-تېخنىكا ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر ئالەم كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە ئاسمانغا چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوخشاشلا يەر مەركىزىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشنى قارار قىلدى، شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ئەمدى ئۇلار يەر ئاستى توغرىسىدا ئىزدىنىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەر مەركىزىنى تېشىش پىلانى بولغان «كولا پىلانى (科拉计划)» نى باشلىغان. ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئالىملار ئەتراپلىق پىلانلاش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كولا يېرىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئارالنى تېپىپ چىقىپ، ۋە بۇ يەردە ئۇل تېشىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1970ـ يىلى بۇ قۇرۇلۇش رەسمىي باشلانغان، شۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «بۇ قۇرۇلۇشتا يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ» دەپ قارىغان، ھەمدە ساداقەتمەنلىك بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان. ئەمما بۇ قېتىمقى يەر قېزىش پىلانى تۇيۇقسىزلا توختاپ قالغان.

1994-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىپ، «كولا پىلانى»نىڭ توختىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ چاغدا بۇ پىلاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئېلىپ بېرىلىپ بولغان، ئەڭ دەسلەپتىكى نەچچە مىڭ مېتىردىن چوڭقۇرلۇقى تەدرىجىي ھالدا 12262 مېتىرغا يېتىپ، يەر ئاستى ماگما قەۋىتىگە يېقىنلاشقان. بۇ قۇرۇلۇشقا ئىنتايىن كۆپ ئادەم كۈچى ۋە نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىنغان تۇرسا، سوۋېت ئىتتىپاقى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەرپ قىلغان تەننەرخى بىلەن ھېسابلاشماي، پىلاننى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇمۇ بىر خىل زىياننى ۋاقتىدا توختىتىش چارىسى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋاملىق ئىلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ ئەسۋابلارغا بولغان تەلەپ بارغانسېرى كۈچىيىپ، دۆلەت خەزىنىسىدىكى ئىقتىساد پىلاننىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا داۋاملاشتۇرۇشقا ئامال قالمىغان ئىدى.

ئەگەر ئۇلار داۋاملىق قېزىۋەرسە بۇ پىلان مەغلۇپ بولۇپ، پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى بارغانسېرى ئاشكارىلايدۇ، شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىراپ-تېنەپ پىلاننى ئاخىرلاشتۇرۇشنى جاكارلىغان.

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى 1991ـ يىلى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ پارچىلىنىشى «بىمەنە يەر مەركىزى پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ قارىدى. گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن يۈز ئابرۇينى بۇنچىۋالا قوغلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئۇلار يۈز ـ ئابرۇينى قوغلاشقاچقا، ھەر قايسى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ ئۆزىنىڭ دۆلەت كۈچىنى خوراتتى.


分享到: