新闻详情

دوۋيىن شەھۋانىلىقتىن جازالاندى

发表时间:2021-01-08 18:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى

640-24.gif640-59.png




يېقىندا، ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتىنىڭ «دوۋيىن» سۇپىسى بىلەن سۆھبەتلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قىلمىشىغا قارىتا قاتتىق مەمۇرىي جازا بەردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «دوۋيىن» سۇپىسىدىكى ئايرىم دىكتورلار بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە جىنسىي ئەركىلىتىش، جىنسىي بېشارەت بېرىش ۋە تاماكا چېكىش، سەت گەپ قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، قىسمەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى ئوبزور تاختىسىدا چاكىنا مەزمۇنلار ساقلانغان، ئايرىم دىكتورلار بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئويۇنلىرى تەستىقلانمىغان؛ قىسمەن دىكتورلار ۋە سۇپىدىكى ئابۇنىچىلار ئۈندىدار نومۇرى، ئىككىلىك كود تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقا سۇپىلارغا بېرىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغان.

قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار مەزمۇنلار «شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زورلۇق ئىشلىتىش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش»، «ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە زىيان يەتكۈزۈش»كە كىرىدۇ. قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرى «دوۋيىن» سۇپىسى تىجارەت شىركىتى بېيجىڭ ۋېيبو شىجيې (微播视界) پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىپ، ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇدى ھەم بۇ شىركەتتىن سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەزمۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھۋانىي مەزمۇن ۋە ئۇچۇر تارقاتقان ئابۇنىچىلارنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى پاش قىلىش مەركىزى «دوۋيىن» سۇپىسىغا چېتىشلىق شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى توغرىسىدىكى 900دىن ئارتۇق پاش قىلىش يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان.

تۈگىدى.png

来源:人民网

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:阿海

编制:张伟

素材1.jpg640-62.png640-557.jpeg


分享到: