新闻详情

ئالمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدۇ

发表时间:2021-01-09 00:51作者:ئەلكۈيى تورى来源:يەرشارى تورى

640-24.gif640-59.png




تىم كۇك (Tim Cook) نىڭ ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) بولغىنىغا ئون يىل بولدى

2011-يىلى تالانتلىق يېڭىلىق ياراتقۇچى دەپ ئاتالغان ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كۇك ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ قالدى. 2021-يىلىغا يىلغا قەدەر كۇك بۇ ئورۇندا ئون يىل ئولتۇردى، بۇ جەرياندا ئادەم ئالماشمىدى، يەنە كېلىپ ئۇمۇ جوبىسنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئالمىنى يېتەكلەپ يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈردى!

لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، كۇكنى ھەرگىزمۇ جوبىس بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئالمىنىڭ بۇ ئون يىلدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۇك بولسا پەقەت بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەر، ئەمما جوبىس بولسا دۇنيانى ئۆزگەرتكەن كىشى. بەزىلەر، جوبىس بار ئالما شىركىتى بىلەن جوبىس يوق ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي ئىككى شىركەت، سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، دېيىشىدۇ.

بۇ گەپ ئاڭلىماققا سەل مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ كارتىنىسى بولالايدۇ، جوبىس دەۋرىدە ئالمىنىڭ ھەر بىر مەھسۇلاتى ئاساسىي جەھەتتىن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىناتتى. بولۇپمۇ iPhone يۈرۈشلۈك يانفونلىرى ھامان ئالمىنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئەسەرلىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئالمىنىڭ كەسىپ سىستېمىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلمەكتە.

ئەمما كۇك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئالمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تىجارەت كىرىمى ۋە پايدا تەرەپكە يۆتكىلىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قالدى. ھەتتا iPhone 4S تىن كىيىنكى ئالما يانفونلىرىدا، مەيلى يېڭىلىق يارىتىش ياكى ئابۇنتلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى جەھەتتە بولسۇن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، ھەتتا يېقىنقى بىر نەچچە ئەۋلاد iPhone لار نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە iPhone يەنىلا يانفون ساھەسىدىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ خىل يۈزلىنىش خېلى ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ نەتىجە كۇكنىڭ iPhone نى 10 يىلىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، iPhone نىڭ ئىزچىل تۈردە يۇقىرى نەتىجىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى سەۋەب بولسا، جوبىسنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى يەنىلا كەڭ ئىستېمالچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

شۇڭا، ئالما تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر مەڭگۈ جوبىسنى ئەسلىشىدۇ، iPhone نىڭ كىلاسسىك ئەسىرى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر پەقەت iphone 4S قا بېلەت تاشلايدۇ. كۇك ئالما شىركىتىدە ئون يىل خىزمەت قىلىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر يېتىشەلمەيدىغان سالاھىيەت ۋە ئورۇنغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر بىر ئىشلەمچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا

بىراق، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۇك شىركىتى بۇ ئون يىلدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەسىلەن، ئۇ ئالمىنىڭ بازار قىممىتىنى تۆت ھەسسە قاتلاپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ مۈلكى 2 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان ماگناتقا ئايلاندۇردى. ئەگەر كۇكنىڭ ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغان بولسا ئالمىمۇ ئۇنى ئىشلەتمىگەن بولاتتى، يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك نەتىجىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى.

شۇڭا، مەيلى قانداق بولسۇن كۇكنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان CEO دېيىشكە بولىدۇ، پەقەت جوبىستەك بىر ئۈلگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قويغان تەلىپى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى. ئەمما، ھازىر كۇكنىڭ 10 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىپ قالدى، ئۇ بەلكىم ناھايىتى تېزلا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالمىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، كۇكنىڭ 2020-يىللىق ئىش ھەققىنى سىرتقا ئېلان قىلىپلا قالماي، يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پايچىكلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى كۇك جەمئىي 14 مىليون 770 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مائاش ئالغان بولۇپ، بۇلار 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاساسىي مائاش ۋە 11 مىليون 770 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۈنۈم مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئالمىنىڭ پايچىكلار يىغىنى بېيجىڭ ۋاقتى 24-فېۋرال ئېچىلىدۇ، بۇ قېتىم جەمئىي سەككىز نەپەر CEO نامزاتى بار بولۇپ، كۇك گەرچە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلگىرى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالما بىلەن بولغان توختام ۋاقتىنى ئۇزارتمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى. دېمەك، 2021-يىلى ئالمىنىڭ يېڭى CEO سىنى ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، ۋاقتى كەلگەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەيدانغا چىقىدىغىنى كۇك بولماي قالىدۇ.

كۇكتىن كىيىنكى iPhone 13 دە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

بۇ ئىش نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاياجانلانغا سالىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن كۇك ئالمىدا 10 يىل تۇردى، ئۇ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم ئالمىچىلار چوقۇم سەل كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنداقتا كۇكتىن كىيىنكى iPhone 13 دە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

جوبىس ئىلگىرى: «كۇك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى تىجارەت جەھەتتىكى تالانت ئىگىسى» دېگەن ئىدى. بۇ ئون يىلدا ئالمىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن جوبىسنىڭ ئېيتقىنىدەك ياخشى بولدى، شۇڭا ئالمىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن CEO سى چوقۇم مەھسۇلاتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ 2021-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 13 بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!

گەرچە ھازىر iPhone 13 نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا يەنە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلار بۇ يانفون توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىماقتا، ئۇنداقتا iPhone 13 تە iPhone 12 گە سېلىشتۇرغاندا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ئىگىلىنىشىچە iPhone 13 ئالدىنقى iPhone 12 ئاساسىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلىدىكەن، ئەمما كونكرېت ئۇچۇرلار تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، iPhone 13 كە كۈچەيتىلگەن نۇسخىدىكى 5 نانومېتىرلىق A15 ئۆزىكى سەپلىنىپ، ئىقتىدارى شۇ دەۋردىكى بارلىق يانفونلاردىن مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 120Hz لىق ئېكران يېڭىلىنىش نىسبىتى قوللىنىلىدىكەن، بۇ بولسا iPhone 12 دىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك بولۇپ، iPhone 13 چوقۇم ئامال قىلىپ تولۇقلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، iPhone 13 نىڭ باتارېيەسىنىڭ ئۇدا يېتىش سەۋىيەسىمۇ iPhone 12 دىن يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئالما ئىزچىل تۈردە ئۆزەكنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، iPhone باتارېيەسىنىڭ سىغىمى كىچىك بولۇشتەك يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

يەنە بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، iPhone 13 نىڭ زەرەتلەش ئېغىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، زەرەتلەش تۆشۈكى يوق ھالەتتىكى ھەقىقىي سىمسىز دەۋرگە قەدەم قويىدىكەن. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ ئەمەس، چۈنكى ئالما بۇنداق دادىللىق بىلەن چوڭ قەدەم ئالمايدۇ.

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2020-يىلىدىكى iPhone 12 بولسا كۇك ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئالما يانفونى بولۇپ قالىدۇ، بۇ يىلقى iPhone 13 نى ئالمىنىڭ يېڭى CEO ئېلان قىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە iPhone13 يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەمدۇ ـ يوق؟ بۇنىڭدا ئالمىنىڭ سەمىمىيىتىگە قاراش كېرەك، مەن بۇ يەردە پەقەت ئالمىنىڭ ئالمىچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.


分享到: