|
تىرامپ: قاتناشمايمەن! بايدېن: ياخشى ئىش发表时间:2021-01-09 10:32作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى تىرامپنىڭ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىغا قارىتا بايدېن جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئۇنىڭ قاتناشماسلىقى ياخشى ئىش» دېدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بايدېن 8-يانۋار تىرامپنىڭ «1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمايمەن» دېگەن ئىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «بۇ ياخشى ئىش» دېگەن. بايدېن: «بۇ مەن ۋە تىرامپ ئاز دېگەندىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ قاتناشماسلىقى ياخشى ئىش» دېدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بايدېن يەنە: «ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ھەتتا مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ ناچار قارىشىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ لاياقەتسىز زۇڭتۇڭلارنىڭ بىرى» دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 8-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىرامپ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. تىرامپنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنى 150 يىلدىن بۇيان زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغان تۇنجى زۇڭتۇڭغا ئايلاندۇرىدۇ. بايدېن تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇ دۆلىتىمىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇڭا ئۇنىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقى ياخشى ئىش. |
|