新闻详情

شىنجاڭ 2-تىببى شۆيۈەنى قورۇلدى

发表时间:2021-01-09 10:38作者:ئەلكۈيى تورى来源:خەلق تورى

640-24.gif640-59.png

u=3422478252,1023075274&fm=26&gp=0.jpg


يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 33 مۇستەقىل شۆيۈەننى مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى، شىخەنزە داشۆ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى شىنجاڭ سىياسىي قانۇن شۆيۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خوۋبو شۆيۈەنى پۇقرالار ئاچقان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان تولۇق كۇرس مەكتىپى بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى مۇستەقىل شۆيۈەن ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى، دورىگەرلىك قاتارلىق 11 كەسىپ تەسىس قىلىندى؛ شىخەنزە داشۆ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ شىخەنزە داشۆ جەمئىيەت كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ، يېڭى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسال شۆيۈەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى مۇستەقىل شۆيۈەننى مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي مائارىپ قانۇنى» «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى» ۋە «مۇستەقىل شۆيۈەنلەرنى ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق قانۇن - نىزام، سىياسەتلەرگە ئاساسەن بەلگىلىگەن، مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىشنى باھالاش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشىدىن ئۆتكەن. شىنجاڭدىكى ئىككى شۆيۈەن ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھەممىسى مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ بولىدۇ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا قوللىنىشچان ئالىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلىدۇ، ئاساسلىقى رايون ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان كارغا كېلىدىغان، تېخنىكا تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار يېتىشتۈرۈلىدۇ.


分享到: