|
شىنجاڭنىڭ ماددى ئەشيالىرى يىتىپ باردى发表时间:2021-01-09 11:50作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ يېقىندا خېبېي رايونىدا يەنە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، شىجياجۇاڭدا بېكەتتىن چىقىشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى يولغا قويۇلدى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتىنى ئىئانە قىلدى، بىز شىنجاڭدا قوي بىلەن نان ئەڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ قېتىم شىنجاڭمۇ 10 مىڭ نان، 200 قوي ئىئانە قىلىپ خېبېيغا ياردەم قىلدى، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تەپسىلىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى. 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىنجاڭدىن بىۋاسىتە شىجياجۇاڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان جېڭدىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى، شىنجاڭ ئىئانە قىلغان ئۆزگىچە ماددىي ئەشيامۇ يېتىپ كەلدى، خېبېيدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، كورلا شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت 200 قوي، 10 مىڭ يەشىك كورلا نەشپۈتى، 10 مىڭ نان قاتارلىق بىر تۈركۈم شىنجاڭنىڭ خاس ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يۆتكەپ كېلىپ، خېبېيغا ياردەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە، ماددىي ئەشيا شۇ كۈنى سائەت 14 تە كورلىدىن يولغا چىققان، بۇ كورلىدىن ئىئانە قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيا بولۇپ، جەمئىي ئالتە توننا ئىكەن. قالغان ماددىي ئەشيالار ئاپتوموبىل بىلەن 4 كۈندىن كېيىن جايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئاندىن بۇ ياردەم ماددىي ئەشيالىرى ئالدى بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى تىببىي خادىملار، جايلارغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، ج خ كادىر ساقچىلىرى ۋە يۇقۇم بىر قەدەر ئىغىر قاتارلىق رايۇنلارغا تارقىتىلىدۇ. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 www.alkuyi.com |
|