新闻详情

ئەڭ گۈزەل كىشىلەر قىشىمىزدا

发表时间:2021-01-09 13:12作者:ئەلكۈيى来源:CNR


640-24.gif

640-59.png

3.jpg





يەتتە ياشلىق بىر قىز تاتلىق ئاۋازدا ئۇنىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىۋاتقان سېستراغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ «تولۇق قوراللانغان» سېسترا ھەدىنىڭ دەل ئۆزى خېلى كۈنلەردىن بۇيان كۆرمىگەن، كېچە-كۈندۈز سېغىنغان ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ...

ئۆز قولى بىلەن قىزىدىن ئەۋرىشكە ئالغاندا، قىزى تونۇيالماي ئۇنى «ھەدە» دەپ چاقىردى. ئۇ مۇداپىئە كۆزئەينىكىنىڭ تۇتۇقلىشىپ، خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆز يېشىنى تولىمۇ تەسلىكتە تۇتۇۋالغان ئىدى.

2020-يىلى 31-دېكابىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. شېنياڭ شەھەرلىك 5-خەلق دوختۇرخانىسى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ليۇ موخەن ئەنە شۇنداق بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئون مىڭغا يېقىن تېببىي خادىمنىڭ بىرى ئىدى. 2021-يىلى 2-يانۋار، ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندا نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى يىغىشقا تەقسىم قىلىندى. بۇنىڭدىن ئۇ بەك خۇشال بولدى. ئۇدا نەچچە كۈن يۇقۇمغا قارشى كۈرەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ليۇ موخەننىڭ قىزىنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بولغانىدى. تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، شۇ كۈنى چۈشتە، ليۇ موخەننىڭ يەتتە ياشلىق قىزى ئۇ مەسئۇل بولغان ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا بۆلۈندى. گەرچە ئۇ ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتا قىزى بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن قىزىغا تونۇشلۇق بەرمىدى. كېيىن ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «سىرتتا ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر سوغۇقتا مۇزلاپ كەتتى. بالام مېنى تونۇپ قالسا، چوقۇم يىغلاپ مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋالىدۇ-دە، خىزمىتىمگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا تونۇشلۇق بەرمىدىم».

گەرچە مۇداپىئە كۆزئەينىكى تاقىۋالغان ليۇ موخەن ئامال بار ئۆزىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن تونۇش ئاۋاز ۋە تونۇش بېقىشلار قىزىدا گۇمان پەيدا قىلدى. نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش جەريانىدا، قىز ئاپىسىغا ئىزچىل سىنچىلاپ قارايتتى، ئەمما ليۇ موخەن باشتىن-ئاخىر ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەۋرىشكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن قىز قىيالمىغان ھالدا ئۇنىڭغا: «رەھمەت ھەدە، غەيرەت قىلىڭ!» دېدى.شۇ چاغدا ليۇ موخەننىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغۇسى كەلدى، ئەمما كۆزىدىن ياش چىقسىلا، مۇداپىئە كۆزئەينىكى تۇتۇقلىشىپ كېتەتتى، نەتىجىدە پۈتۈن كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ئۇ كۆز يېشىنى تەسلىكتە تۇتۇۋالدى.

بۇ قىز بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن «ئانام نەقەدەر ئۇلۇغ ھە!» دېدى . شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ليۇ موخەن قىزى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە، شۇ كۈنى ئۇنىڭدىن ئەۋرىشكە ئالغان ھەدىنى تىلغا ئالدى، قىزى: «مەن ئۇ سېسترا ھەدىنى سىزگە ئوخشاتتىم، لېكىن جەزملەشتۈرەلمەي ئانا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم» دېدى.ليۇ موخەن قىزىغا شۇ سېسترا ھەدىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، قىزى ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ: «ئاپام بەك ئۇلۇغ، ئاپام بەك چىرايلىق» دەپ توۋلاپ كەتتى.كېيىن ليۇ موخەن دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇچۇر يوللاپ شۇ كۈندىكى كەيپىياتىنى خاتىرىلىگەندە: «ئۆز قىزى ھەدە دەپ چاقىرسا، ئانىنىڭ كۆڭلىدە ئاجايىپ تۇيغۇ پەيدا بولىدىكەن. شۇ چاغدا ئانىڭىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتمىغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ قوزام، شۇ چاغدا ئۆيگە كېتەيلى دەپ يىغلاپ تۇرۇۋېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم!» دەپ يازدى.

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، ليۇ موخەنگە ئوخشاش نۇرغۇن تېببىي خادىملار ۋە پىدائىيلار يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلدى. 5-يانۋار خېبېي ئۆلكىسى جەڭ ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە بارلىق كىشىلەرگە قارىتا نۇكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى باشلىدى. 6-يانۋار سەھەردە، شىجياجۇاڭدىكى تېببىي خادىملار كېچىلەپ ھەرىكەتكە كېلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى.

6-يانۋار سەھەردە، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالە ئۆچرەتتە تۇرۇپ نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىش خىزمىتىگە ماسلاشتى.

قولى توڭلاپ كەتسىمۇ چىداپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى،داليەندە يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ خادىم قار-شىۋىرغانغا قارىماي ئىشلىدىيېقىندا داليەن شەھىرىنىڭ جىنپۇ يېڭى رايونىدا 3-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. قار-شىۋىرغاندا يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئون مىڭدىن ئارتۇق خادىم ئۆز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 4ـ يانۋار داليەننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قار يېغىپ، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃10- تىن تۆۋەن بولدى.

ئۈچ كۈندە بىر مىليون 300 مىڭ ئاھالىدىن نۇكلىئېك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى يىغىش ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن نۇكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خىزمەتچىلەر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بالدۇر باشلىدى، 500 دىن ئارتۇق پىدائىيمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈشكە قاتناشتى، تەرتىپ ساقلىدى. بىر مەھەللە خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: «قولۇم توڭلاپ كەتتى، پۇتۇممۇ ئۇيۇشۇپ قالدى، لېكىن يەنىلا بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك».

ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى. قار ياغقان كۈنلىرى يوللار تېيىلغاق، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان نۇرغۇن مەھەللىلەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدى دۆڭ بولغاچقا ئاپتوموبىللار ماڭالمايتتى، پىدائىيلار كۆكتات، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى قولىدا كۆتۈرۈپ، بىر-بىرلەپ توشۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇمغا قارشى جەڭدە خىزمەت ئورنىدا ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خادىملارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!




来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



www.alkuyi.com



分享到: