新闻详情

مەركىزى بانكىدىكى ئۆزگىرىش

发表时间:2021-01-09 13:48作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif640-59.png




ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنى بانكىغا قويۇشقا باشلىدى، بۇنداق بولغاندا ھەم بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم ئازراق ئۆسۈم كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەن كىرىملىك ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا،ھەر ئايدا ئازراق پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ، تاما-تاما كۆل بولۇر دېگەندەك،ئىشسىزلىق، داۋالىنىش، پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىملارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاي چېكىبازىرى، ئۆي بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ، ھازىر بانكا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ئەمدىلا نەقلەشتۈرۈشنى بۇزۇپ تاشلىدى، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش مۈلۈكنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ تەقسىملەش بولۇپ، بايلارنىڭ ھېسابات دەپتىرىدە ھامان ئازراق مەبلەغ قالدۇرۇپ، كېيىنكى مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. بايلار دائىم مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنىڭ كېلىشىنى ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا، بايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈن بانكىنىڭ ھېسابات دەپتىرىگە كۆپرەك پۇل قويۇپ، بانكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىسا، كېيىن ئەگەر تۇراقسىزلىشىپ قالسا، ئىناۋەت ئارقىلىق بانكىدىن ئازراق پۇل قەرز ئېلىپ قىيىن ئۆتكەلگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەزەلدىن بانكىغا پۇل ئامانەت قويمىسىڭىز، بانكا سىزنىڭ پۇلىڭىزبارلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ بانكا نېمىگە ئاساسەن سىزنىڭ يېتەرلىك قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىڭىز بارلىقىغا ئىشىنىدۇ؟

2020-يىلى 7-ئايدىنباشلاپ، ئېلىمىزنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە كۆپ سوممىلىق نەق پۇل باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، كېيىن 2020-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ئېلىمىزنىڭجېجياڭ، شېنجېندا كۆپ سوممىلىق نەق پۇل باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىلىشى مۇمكىن. ئالاقىدار رايونلاردىكى ئاھالىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك

يۇقىرىقى ئۈچ جايدا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ سوممىلىق نەق پۇل باشقۇرۇشنىڭ« ئۆلچىمى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت ھېساباتىدا 500 مىڭ ، شەخسىي ئىسچوتتا 100 مىڭ بۇ قىزىل سىزىقتىن ئېشىپ كەتسە»كۆپ سوممىلىق نەق پۇل باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شېنجېن ۋە جېجياڭنىڭ قىزىل سىزىقى200 مىڭ، 300 مىڭ بولۇپ، بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، كۆپ سوممىلىق نەق پۇل باشقۇرۇشقادۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۈچ رايوندىكى ئاھالىلەر، ئەگەر كۆپ سوممىلىق نەق پۇل ئالماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن بانكىغا تېلېفون قىلىپ، قايسى ماتېرىياللارنى تەييارلاش كېرەكلىكىنى سوراپ، سىزنىڭ بانكىغا بېرىپ پۇل ئالغاندا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قېلىشىڭىزدىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: