新闻详情

بوللىۋو چولپانلىرى نېمىدىن ئەڭ قورقىدۇ؟

发表时间:2021-01-09 15:12作者:nur来源:تېڭشۈن تورى

مەيلى قانچە كۈچلۈك ياكى باي بولسۇن، ھەربىر كىشىنىڭ تۇرمۇشتا قورقىدىغان نەرسىلىرى بار، بوللىۋود چولپانلىرىمۇ ھەم شۇنداق. تۆۋەندە بىز بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ قورقىدىغان غەيرىي نەرسىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، سىز بىلەن ئورتاقلىقى بارمىكىن؟

ئالىيە بات

ئالىيە بات قاراڭغۇدىن قورقىدۇ، ئۇ ئۇخلىغاندا چىراغنى ئۆچۈرىۋەتمەيدۇ.

دېپىكا پادۇكون

يىلان كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان جانلىق، گەرچە ھىندىستاندا يىلان كۆپ ئۇچرىسىمۇ، مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بولسىمۇ لېكىن دېپىكا پادۇكون يىلاندىن بەك قورقىدۇ.

شاھرۇھ خان

ئات مىنىش قىزىقارلىق ئىش، لېكىن شاھرۇھ خان ئۇنداق ئويلىمايدۇ، ئۇ ئاتتىن قورقىدۇ.

پرىيانكا چوپرا

خۇددى شاھرۇھ خانغا ئوخشاش پرىيانكا چوپرامۇ ئات مىنىشتىن قورقىدۇ. ئۇ ئاتنىڭ يېنىغا بېرىشتىنمۇ قورقىدۇ، ئات بار كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالمايدۇ.

سونام كاپور

سونام كاپور لىفىتتىن قورقىدۇ، ئۇ لىفىتتا تۇرغاندا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. كۆپ قېتىم لىفىتنىڭ ئورنىغا پەلەمپەي ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋىدىيا بالىن

مۈشۈك ئوماق جانۋار، لېكىن ھەرقانچە ئوماق بولسىمۇ ۋىدىيا بالىننى جەلپ قىلالمايدۇ، چۈنكى ۋىدىيا مۈشۈكتىن قورقىدۇ.

رانبىر كاپور

رانبىر كاپور سۈۋەرەكتىن قورقىدۇ، ئۇ ئۆيىدە سۇۋەرەك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئابېشىك باچچان

مېۋە-چېۋىلەر يېيىشلىك ھەم سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن ئابىشىك باچچان مېۋىنى ياقتۇرمايدۇ (گەرچە بۇ قورقۇشقا كىرمىسىمۇ)، ئۇ ئۆمرىدە مېۋە يەپ باقمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئارجۇن كاپور

ئارجۇن كاپور قارىماققا ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇمۇ قورقىدىغان نەرسە بار ھەمدە ئازراق غەلىتە، ئارجۇن كاپور ئاسما شامالدۇرغۇچتىن قورقىدۇ، ئۇ ئۆيگە ئاسما شامالدۇرغۇچنى يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.

ئانۇشكا شارما

ئانۇشكا شارمانىڭ بىرقانچە كىنوسىدا موتسىكلىت مىنگەن كۆرۈنۈشى بار، لېكىن ئانۇشكا موتسىكلىت مىنىشتىن قورقىدۇ. ئەمما ئۇ بىر كەسپىي ئارتىس، ئۇ قورقۇنچىنى يېڭىپ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئالغان.

بىپاشا باسۇ

بىپاشا باسۇ قورقۇنچلۇق كىنولارنى ئىشلەش بىلەن تونۇلغان، بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈلكە ئاۋازىدىن قورقىدۇ.

تانىشا مۇكەرجى

تانىشا مۇكەرجى تالانتلىق ئارتىس لېكىن ئۇ نەق مەيدان ئويۇن قويۇشتىن قورقىدۇ.

سېلىنا جايتلىي

سېلىنا جايتلىي كىچىكىدىن تارتىپ كېپىنەكتىن قورقىدۇ، ئۇ ئىلگىرى كىنو سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا كېپىنەكنى كۆرۈپ قىلىپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان.

كاترىنا كەيف

كاترىنا كەيف پەمىدۇردىن قورقىدۇ، ئىلگىرىكى كىنودا پەمىدۇر ئېتىشىش كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن بۇ قورقۇنچى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

سىز نېمىدىن قورقىسىز؟


分享到: