新闻详情

بۇ ئۇچۇرلارنى ئويدۇرغانلارغا بىرمىليون جەرىمانە قويۇلىدۇ

发表时间:2021-01-09 15:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:تېڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png



دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى 8-يانۋار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئالدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەتەرلىك ئەھۋال، يۇقۇم، ئامانلىق ۋەقەلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، تارقاتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا يۈز مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، باشقىلارنى ئۇچۇر ئۆچۈرۈش، توسۇش، ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر كۆمۈۋېتىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقلىق تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ ساختا چېكىش، بېلەت تاشلاش، باھالاش، سودىلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالاقە تورى سەمىمىيەت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.


分享到: