新闻详情

ئۇستاز سەنئەتكار مەرپۇغە ھېزىم ۋاپات بولدى

发表时间:2021-01-10 02:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:تور دۇنياسى

640-24.gif640-59.png

ئاتاقلىق كىنو-تىياتىرئارتىسى، ئۇستاز سەنئەتكار ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ پىشقەدەم دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق كىنو – تىياتىر چولپىنى مەرپۇغە ھېزىم خانىم 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى



640-561.jpeg


شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا -تىياتىرى 80-يىللاردا ئورۇنلىغان «چىن مۇدەن» دىرامىسىدا ئاپئاق خېنىم، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن«كۈتۈلمىگەن توي» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سايىم نوچىنىڭ ئايالى ئايسىخان ئوبرازىنى يارىتىش بىلەن سەنئەتسۆيەر خەلقىمىزگە تونۇلغان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، ئەل سۆيگەن ئاتاقلىق كىنو – تىياتىر چولپىنى مەرپۇغە ھېزىم 1942-يىلى قەشقەر شەھرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان.

باشلانغۇچ 1-يىللىقنى قەشقەردە ئوقۇغان ، 1950-يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە كۆچۈپ كەلگەن .3-يىللىقنى ئۇچتۇرپاندا ئوقۇغان.كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان مەرپۇغە مەكتەپ سەنئەت كۇرژۇكىدا ناخشا ئېىتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ،3-يىللىقنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا يەنى 1952-يىلى مەرپۇغە ئون ياشقا كىرگەندە سابىق ئۆلكىلىك ناخشا - ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرى ئارتىس قوبۇل قىلغىلى ئۇچتۇرپانغا بارىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەرپۇغە ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ 10 يېشىدا سابىق ئۆلكىلىك ناخشا -ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنىدۇ.

640-565.jpeg

شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى پېنسىيەگە چىققىچە   مۇشۇ ئۆمەكتە ئىشلىگەن .بۇ جەرياندا ئۆمەك تەرىپىدىن ئوينالغان «فۇنچەم، »تامنى ئۆرۈپ قۇدا بولۇش،»گۈلنىسا» ›چىن مۇدەن» ›كېلىنلەر قوزغىلىڭى» قاتارلىق ئەللىككە يېقىن دىراما -ئوپېرادا ھەر خىل خاراكتېردىكى ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا 1961-يىلى «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار،» 1984-يىلى «كۈتۈلمىگەن توي،1988-›» يىلى «موللا زەيدىن» قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان. مەرپۇغە ھېزىم مانا مۇشۇ نەتىجىللىرى بىلەن 1989-يىلى دۇنيا مەشھۇر سەنئەتكارلار قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ جەريانلاردا ئۇ نۇرغۇنلىغان كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن خىل مۇكاپاتلارغا، ماۋزېدۇڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.ئۈرۈمچى نەنمېندىكى خەلق تىياتىرىنىڭ ئالدىغا مەرپۇغە ھېزىمنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ھەيكىلى ياسالغان .

مەرپۇغەنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھازىر جاۋاپ، بەك چېچەن بولغاچقا، گەرچە ئۆزى ئاران باشلانغۇچ 3- يىللىقنىڭ سەۋىيەسىدە بولسىمۇ ، كىچىككىنە ۋەقەلىكنى ئاڭلىسىلا بىردەمدە ئىتوتقا ئايلاندۇرۇپ يازىدۇ. شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن مەرپۇغە ئۇستازى مەمتىمىن نورۇز بىلەن بىللە شىنجاڭدا ئەڭ بۇرۇن ئىتوت ئوينىغان ئارتىس ھېساپلىنىدۇ. ئەينى يىللىرى ئۇ ئىككىسى ئوينىغان «ھەسەتخور» « تۈگمەن بېشىدا» قاتارلىق ئىتوتلار خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا   ئېرىشكەن.

ئىتوت ۋە دىراممىلىرىدن ئارىيەلەر







ناھايىتى ئەپسۇس، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇرئورۇن ئالغان ئاتاقلىق دىراما، كىنو ئارتىسى،شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئىتوت ئوينىغان ئاكتىيور، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا- تىياتىرنىڭ پېشقەدەم ئارتىسى، ئۇستاز سەنئەتكار مەرپۇغە ھېزىم 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .

مەرھۇم مەرپۇغە ھېزىم خانىم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك تىياتىرچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى شىنجاڭ كىنوچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى .

640-563.jpeg640-562.jpeg640-564.jpegWechatIMG1824.jpeg


تۈگىدى.png


素材1.jpg


WWW.Alkuyi.Com


分享到: