新闻详情

ئىدىراك زادى قانداق جاي؟

发表时间:2021-01-10 18:50作者:ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇسى来源:ئەلكۈيى تورى

640-24.gif640-59.png



   ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ئىدراك پىسخىك تەرەققىيات مەركىزى ، شىنجاڭ شەيىمە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئىزلەن پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ شىركەتنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ شەيىمە شىركىتى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتنىڭ تولۇق قىسمى شۇ كۈنى ئەلكۈيى تورى ۋە شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلدى ھەمدە ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى تورىغا تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلار ئارقىلىق   ئەلكۈيى جەمئىي 450مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى كۆردى .

132547445589714398.jpg


   پائالىيەتتە ئىدراك پىسخىك تەرەققىيات مەركىزى ھەمكارلىق قۇرغۇچىسى ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى ، ئائىلە تەربىيە يىتەكچىسى ،شىنجاڭ داشۆ ماگىستىرى، سىچۈەن داشۆ باكلاۋۇرى ، 10 يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبىسگە ئىگە مۇئەللىم مۇبارەك ئابدۇرۇسۇل ئىدىراك پىسخىك تەرەققىيات مەركىزى قانداق جاي؟ دېگەن تېمىسىدا سۆزلەپ نەق مەيداندىكى ئاممىنى بۇ مەركەز ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئېگە قىلدى ، بىۋاستە تارقىتىشنى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن ياكى مۇبارەك خانىمنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىم ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، مۇبارەكنىڭ نوتۇقى ئايرىم ھالەتتە ئەلكۈيى تورىغا تەۋە بارلىق تاراتقۇلاردا قايتىدىن ئېلان قىلىندى .

ئۈچ شىركەتنىڭ ھەمكارلىقى ھەققىدىكى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىشىنىڭ تولۇق قىسمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى ياكى بۇ خەتنى چىكىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .


8444.jpg

تۈگىدى.png素材1.jpg


分享到: