新闻详情

DELLنىڭ قەرزى قانچىلىك؟

发表时间:2021-01-11 12:26作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى

640-24.gif640-59.png



ئىلگىرى 700 مىلياردلىق بازار قىممىتىگە ئىگە بولغان خەلقئارالىق كومپيۇتېر ماگناتى Dell ھازىر 300 مىليارد قەرزگە بوغۇلۇپ قالدى، بۇ شىركەتنىڭ قانداق بولۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. IDC شىركىتى 2020-يىلى بىرىنچى پەسىلدە ئېلان قىلغان ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، Dell كومپيۇتېر شىركىتى ھازىر بىرىنچىلىك ئورنىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغان، لىيەنشياڭ (联想) بولسا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنى بولسا Dell ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر ماگناتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق بولۇپ 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زادى نېمە ئىش؟

Dell كومپيۇتېرلىرى يېڭىدىن بازارغا سېلىنغاندا، ئەتراپلىق سودا مۇلازىمىتىگە تايىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە ناھايىتى تېزلا قەد كۆتۈرۈپ چىقتى. شىركەتنىڭ كىرىمىمۇ يىلدىن-يىلغا ئاشتى، شۇڭا 1988-يىلى Dell كومپيۇتېرلىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، شۇ يىلىلا دۇنيادىكى بەش چوڭ كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت تىزىملىكىگە كىردى ھەمدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 2002-يىلى، ئۇنىڭ بازار قىممىتى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، مۇشۇ ساھەدە بىرىنچىلىك ئورنىغا چىقتى.

ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. Dell شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Michael Dellنىڭ چېكىنىشى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كەسكىن رىقابەت سەۋەبىدىن، Dellنىڭ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ پارتلاش ۋەقەسى ئەسلىدە كەسىپ ئۆزگەرتىشكە تەييارلانغان بۇ شىركەتنى «كىشەنلەپ» قويدى. ئىستېمالچىلارمۇ بۇ ماركىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى. سۈپەت ئەمدى ئەۋزەللىك بولالمايلا قالماستىن، ھەتتا كىشىلەرنىڭ «ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى»غا ئايلىنىپ قالدى.

2005-يىلى Dellنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن بىر يىلغا ئايلاندى. سۈپەت مەسىلىسىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، Dell نۇرغۇن زېھنى كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈردى، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى مىڭ تەسلىكتە قايتا تىكلىدى. ئەمما بۇ شىركەتنى يەنە بىر قېتىم نەس باستى، 2006-يىلى شىركەتنىڭ سەتچىلىك خەۋىرى ئاشكارىلاندى، مالىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ساختىلىقى Dellنى يەنە بىر قېتىم ئاۋارىچىلىككە دۇچار قىلدى، ئەمما بۇ قېتىم Dell ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىدى.

شىركەت قۇرغۇچىسى Michael Dell گەرچە 2007-يىلدىكى چوڭ ۋەزىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن «جەڭ مەيدانى»غا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. بۇنىڭدىن باشقا پۈتۈنلەي خاتا بولغان كېڭىيىش، تېخنىكىسى بار كىچىك شىركەتلەرنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش قاتارلىقلار شىركەتنىڭ كاپىتال زەنجىرىدە مەسىلە پەيدا قىلدى. مۇشۇنداق كىرىزىستا تۇرۇۋاتقاندا، ئەشەددى رەقىبى بولغان لىيەنشياڭ شىركىتى كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ Dellنىڭ ئەسلىدىكى بازار ئۈلۈشىنى بىر قېتىمدىلا تارتىپ ئېلىپ كەتتى. 2019-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، Dell ئەينى ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن 300 مىليارد قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، گەرچە بۇ شىركەت يېقىنقى ئىككى يىلدا يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقان ۋە قەرزنى ئاستا-ئاستا قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋال ئېنىق ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن Dellنىڭ توختىماي تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: