新闻详情

يەر شارى گۈزىلى كىمۇ؟

发表时间:2021-01-11 12:39作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ تورى


640-24.gif640-59.png




دۇنياۋى گۈزەل قىزغا كەلسەك، كاللىڭىزدا پەيدا بولغان تۇنجى ئادەم كىم؟ ئاۋدرېي ھېپبۇرن، جېننىفېر لوپېز، دېپىكا پادۇكون، سوفې ماسو، ۋاڭ زۇشيەن ياكى لىن چىڭشيامۇ?

ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ساھىبجامال ئىكەنلىكىدە گەپ يوق، لېكىن يەنە «يەر شارى گۈزىلى» دەپ باھالانغان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئايال چولپانمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيا دەرىجىلىك ساھىبجامال مونىكا بېللۇچى.

地球球花——莫妮卡贝鲁奇

ئىسىم فامىلىسى: مونىكا بېللۇچى (Monica Bellucci)

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

دۆلەت تەۋەلىكى: ئىتالىيە

كەسپى: ئارتىس ۋە مودېل

بوي ئېگىزلىكى: 1.77 سانتىمېتىر

ئېغىرلىقى: 58 كىلوگرام

مونىكا بېللۇچى 20 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئىتالىيەدىكى داڭلىق مودېلغا ئايلانغان ۋە ھوللىۋودقا بېرىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1992-يىلى «قان شورىغۇچى ئالۋاستى» فىلىمىدە رول ئالغان. كېيىن ئۇ «سىسىلىيەدىكى گۈزەل رىۋايەت» فىلىمىدە رول ئېلىپ يەر شارى چولپىنىغا ئايلىنىپ، «دۇنيادىكى ئەڭ تەنناز ئايال» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ۋە كىنوچىلىق ساھەسىدە بىراقلا نام چىقىرىپ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاۋستىرىيە ۋىينادا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا، مونىكا بېللۇچى دۇنيا ئاياللار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىشىنىمەنكى، مونىكا بېللۇچىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، «سىسىلىيەدىكى گۈزەل رىۋايىتى» ناملىق كىنودا ئۇنىڭ رول ئالغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. دەل مۇشۇ كىنو سەۋەبىدىن مونىكا بېللۇچى دۇنياۋى چولپانغا ئايلانغان. كىنودىكى داڭلىق تاماكا چېكىش ۋەقەلىكىمۇ كىنو تارىخىدىكى ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

كىنودا، ئۇنىڭ مىيىقىدا كۈلۈشلىرى قانچىلىغان ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. فەن بىڭبىڭ ئىلگىرى ئاشكارە ھالدا: «مونىكا بېللۇچى مېنىڭ قەلبىمدە ئايال چولپان دېگەن نامغا ئېرىشكەن» دېگەن. ئۇنىڭ گۈزەللىكى شەرقنىڭ يوشۇرۇن گۈزەللىكىگە ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ گۈزەللىكىدىن تېخىمۇ يارقىن ۋە جەزبىدارلىق مۇجەسسەملەنگەن، شۇ سەۋەبلىك بىراقلا «يەر شارى گۈزىلى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

地球球花——莫妮卡贝鲁奇

ئۇ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھۆسنگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بالىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما خىزمەت ئىشلىرى تۈپەيلىدىن ھەمىشە تۇغۇت پىلانىنى كەينىگە سۆرەيتتى، 30 نەچچە يېشىدا ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلغاندا، يېشى سەۋەبلىك ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.

ئۇ بىر قانچە يىل بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئارزۇسى روياپقا چىقىپ، 40 ياشقا كىرگەن يىلى تۇنجى بالىسىغا ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولغان.

يېشى چوڭ بولغاچقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ھالىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. لېكىن ئۇ ئىتالىيەنىڭ ئەينى يىلى ئاياللارنىڭ تۇغۇتىغا باراۋەر بولماسلىق پەرمانىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاياللار ئۈچۈن ئاۋاز چىقاردى. بەختكە يارىشا بالا بىلەن ئۇ ناھايىتى قەيسەر بولۇپ، بوۋاقمۇ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلغان.

地球球花——莫妮卡贝鲁奇

ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنى بەختنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن تېخىمۇ زور خۇشاللىق يېتىپ كەلدى. مونىكا بېللۇچى 45 ياشقا كىرگەن يىلى يەنە بىر قېتىم ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ، ئۇ خۇشاللىقىدىن قىن ـ قىنىغا پاتمىغان ھالدا بۇ خۇشخەۋەرنى جاكارلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ يېشىدا يەنە بىر قېتىم ئوماق پەرزەنتگە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر باسقۇچىغا كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ سىرتقا چىقمىساممۇ بىرەر نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويغاندەك ھېس قىلمايمەن. مەن تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەر توپىدىن زېرىكتىم، مېنىڭ تۇنجى قېتىم قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش، قىزىل پاياندازدا مېڭىشقا بولغان قىزىقىشىم ئانچە چوڭ بولمىدى، مەن بالىلىرىمغا ھەمراھ بولۇشنى ئويلايمەن».

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ياشتا ھامىلىدار بولۇشتا خەۋپ-خەتەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئەمما بۇ بەخت، ئۆزىنىڭ بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا ئەرزىيدۇ!

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: