新闻详情

نىمە ئۈچۈن خۇابى ئىشلتشنى تاللىدىڭىز؟

发表时间:2021-01-11 13:02作者:ئەلكۈيى来源:ئىقتىساد تورى

640-24.gif640-59.png



ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت دەۋرىدە كۆچمە چىقىم قىلىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، نەق پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىش ۋە ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق چىقىم قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالدى. بىز ھازىر يانفون ۋە ھەر خىل ھەق تۆلەش دېتاللىرى ئارقىلىق توردا مال سېتىۋېلىش، تاماق زاكاز قىلىش، پۇل يۆتكەش ۋە چىقىم قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىنى تاماملىيالايمىز، ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئالى چىقىمدانى (支付宝) ۋە ئۈندىدار كۆپچىلىك دائىم ئىشلىتىدىغان چىقىم قىلىش دېتالىغا ئايلاندى.

گەرچە كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە «كرېدىت مەھسۇلاتلىرى»نىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ياش ئىستېمالچىلارنىڭ ئېستىمال چىقىمىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇابېي (花呗)نىڭ «تۆھپىسى» ناھايىتى چوڭ. خۇابېي بولسا ئالىپاينىڭ بىر تۈرلۈك «نېسى چىقىم قىلىش» ئىقتىدارى بولۇپ، تەلىپى تۆۋەن بولغاچقا ئالدى بىلەن چىقىم قىلىشقا، ئاندىن قايتۇرۇشقا بولىدۇ، شۇڭا خۇابېي نۇرغۇن ياشلارنى ئىشلىتىشكە جەلپ قىلدى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خۇابېينىڭ ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى يۈز مىلىيوندىن ئېشىپ كەتكەن!

ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە «كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانگۈل» دەيدىغان ياشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى بىر قەدەر ناچار دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا خۇابېي سىزگە چوقۇم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن خۇابېي ئىشلەتكۈچىلىرى دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى خۇابېيدىن ئايرىلىشنى تاللىدى.

ئەمدى تەپسىلىي چۈشەندۈرىۋېتەي: ئالدى بىلەن، خۇابېينى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش «ئىستېمال خۇمارى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇابېي ھەقىقەتەن ئىنتايىن قولايلىق، خۇابېي ئىشلەتكەندە ھەرقانداق چىقىم سوممىسىنى ئاساسەن قوبۇل قىلالايسىز، ئەمما ئەگەر سىز خۇابېينى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ چىقىم قىلىش ئىش ھەرىكىتىڭىزنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوستلىرىڭىز بىلەن ئوينىغىلى ياكى تاماق يېگىلى بېرىپ پۇل تۆلەيدىغان ۋاقىتتا «مەرد»لىكىڭىز تۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ بىر ئاي توشۇپ مۇشۇ بىر ئايلىق چىقىم قىلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ نېسى چىقىم قىلغان پۇلىڭىزنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى بايقايسىز. سىز بۇ بىر ئاينى ئويناپ، يەپ-ئىچىپ دېگەندەك ئۆتكۈزدىڭىز، ئۆتكەن ھەر بىر كۈنىڭىزدىن ناھايىتى رازى، ئەمما ئاي ئۆرۈلگەندىن كېيىنكى قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ۋە سوممىسى سىزنى ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر قەرز ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز يېنىكرەك بولغاندا خۇابېي ئىشلىتىش سوممىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىناۋەت خاتىرىڭىزنى بىۋاسىتە مەركىزى بانكىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا يوللىۋېتىدۇ (تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى يۇيۇپ بېرىمىز دېگەنلەر بىردەك ئالدامچى! ئىشەنمەڭ!).

ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇابېينىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنى ئۈچۈن قۇرغان «توزىقى». بىلىشىڭىز كېرەككى، ھازىر خۇابېي قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ئەمما ئادەتتە قەرز قايتۇرۇش كۈنى پەقەت 10-چېسلا ياكى 20-چېسلا ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ ئىككى ۋاقىت بۆلىكى ئاساسەن ھەممە ئىشچى خىزمەتچىلەرگە مائاش تارقىتىدىغان ۋاقىت. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ «قەرز قايتۇرالماسلىق»ىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خۇابېي قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەر مائاش ئالغاندىن كېيىن بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ئىشى خۇابېي ۋە ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى قايتۇرۇش، قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟ قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قولىڭىزدىكى بايا تارقاتقان مائاشنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ ياكى ناھايىتى ئاز قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىز داۋاملىق خۇابېي ئىشلىتىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى تاللايسىز. سىز خۇابېي ئارقىلىق چىقىم قىلىپ، مائاشىڭىز بىلەن قەرز قايتۇرىسىز، ئاندىن يەنە خۇابېي ئىشلىتىسىز، يەنە قايتۇرىسىز ..... بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ سىز بۇ ئايلانما مەشغۇلاتنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئاللىقاچان خۇابېي قۇرغان «قىلتاق»قا چۈشۈپ بولغان بولىسىز. توغرا، خۇابېينىڭ ئۆسۈمى ئىنتايىن ئاز، ھەتتا يوق دېيىشكىمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئويلاپ قويۇشىڭىز كېرەك، يۇقىرىدا مەن دېگەن «قىلتاق»قا چۈشۈپ قالسىڭىز سىز ئىستېمال قىلغان پۇلنىڭ ھەممىسى نېسى، ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىنى خەجلىمىدىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئادەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا سىز ھەر قېتىم چىقىم قىلغاندىكى پۇل سوممىسى سىزگە نىسبەتەن پەقەت بىر «سان-سىپىر» تۇيۇلىدۇ، ئاخىرىدا پۇل خەجلەشكە تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ «مەرد»لىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئورۇنسىز پۇل خەجلەيسىز. دەل يۇقىرىقى ئىككى سەۋەب تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ياشلار خۇابېي ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچتى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خۇابېينىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ جەزمەن مەلۇم ئەھمىيىتى بار، مەسىلەن بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئەگەر ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىز ياخشى بولسا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا «قىيىن ئۆتكەل»دىن ئۆتۈۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك بولمىسا تەۋسىيەرىم، ئەڭ ياخشىسى خۇابېي ۋە ئىناۋەتلىك كارتا دېگەنلەرنى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ لايىقىدا ئىشلىتىڭ، بولسا ئىشلەتمەڭ! بۇ نەرسىلەر سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزگە چوقۇم ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: