新闻详情

مىڭە تىقلمسىنى چۈشۈنەمسىز؟

发表时间:2021-01-11 13:48作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ

640-24.gif640-59.png



بۈگۈنكى كۈندە مېڭە تىقىلمىسى بىمارلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، دوختۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:دورا-دەرمەك ئاپەت يىلتىزى، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن بايقىلىشىچە، دۇنيا خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى يېڭىدىن پەيدا بولغان 13 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئىچىدە، جۇڭگو 5 مىليون 510 مىڭ ئادەمنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېڭە تىقىلمىسى ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن ھەمدە ئېلىمىزدە مېڭە تىقىلمىسىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %40كە يېتىدىكەن.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى دەپ ئاڭلىغان لى ھەدىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىككى ئېغىز تاكالىشىپ قالغانلىقىدىن مېڭە تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرىلاپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 4~5 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ئەمەلىيەتتە تالاش-تارتىش جەريانىدا كەيپىياتتا داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان تومۇرلارنىڭ جىددىي قىسقىرىشىنى غىدىقلايدۇ، قوش غىدىقلىنىش ئاستىدا ياغ داغلىرى چۈشۈپ قان تومۇرغا كىرىپ، قان نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مېڭە ئارتېرىيەسىنى توسۇۋالىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ ئاچچىقلىنىشى سالامەتلىككە ھەقىقەتەن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن لى ھەدىنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ، خاپا بولۇپ قېلىشى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى لى ھەدە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، ئادەتتە دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، شېكەرگىمۇ ئامراق ئىكەن.

بەزى كۈنلىرى چۈشتە لى ھەدە بىر چوڭ قاچىدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش يەيدىكەن، كەچتە شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە ئىككى قوشۇق شېكەر قوشىدىكەن، ئۇزاق مەزگىل مۇشۇنداق داۋاملاشسا، قاندىكى ماي ئۆرلەپ كېتىش ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش چوڭايغانچە، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، قاندىكى ماي سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، شۇڭا كېسەللىك قوزغالغاندا ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.

ھەر كۈنى ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىپ، مېڭە تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

1. دائىم بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، قاندىكى قويۇقلۇقنى سۇيۇلدۇرۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئادەتتە كۆپرەك سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى سۇ ئىچكەندە قاندىكى ماي مىقدارىنى سۇيۇلدۇرۇشقا پايدىلىق.

2. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مايسىز بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، يۇقىرى خولېستېرىنلىق، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قارا ئاشلىقنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ياغ ۋە ئەخلەتلەرنى ئازايتىدۇ.

3. قەرەللىك بەدەن تەكشۈرۈتۈش

نۇرغۇن كىشىلەر قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ، لېكىن قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ھەقىقەتەن مۇھىم، چۈنكى نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئارقىغا سۆرىگەنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە كېلىپ چىققان بىنورمال ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ چىققىلى، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەك، مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: