新闻详情

يىڭى يىلدىكى يىڭىچە خۇشاللىق : «شادلىق 8» ئۇيۇنى

发表时间:2021-01-11 14:25作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى توپلاشتا يەنە يېڭى كۈچ قوشتى! پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئويۇنى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلىدى، «شادلىق 8» ئويۇنى ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش، كۈندە مۇكاپات تارقىتىش، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە تايىنىپ، لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى لاتارىيەچىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

ئالدى بىلەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىدىكى مال ساتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان دۇكان ئىچىدىكى تامچىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1.png2.png

ئەمدى مال ساتقۇچىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ باقايلى:

موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى سېتىش خادىملىرى خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى. بۇ تەرەپتە، 65410372 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى پېي جىڭۋېي مۇنداق دېدى:« خۇشال ھالدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، ۋە شۇنداقلا تولۇق ئىشەنچ بىلەن "شادلىق 8" نى كۈتۈۋالدۇق. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، 2021-يىلى، بىز چوقۇم "شادلىق 8" بىلەن بىرلىكتە غەيرەت قىلىمىز». بۇ تەرەپتە، 65454111 پاراۋانلىق لاتارىيەە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى چېن جاۋخۇا مۇنداق دېدى: « مەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئاچقان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن بىرلىكتە شانلىق ئۆتمۈشنى باشتىن كەچۈردۈم، بىز نۇرغۇن پۇرسەت ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلگەن پەيىتتە "شادلىق 8"ئويۇنى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى مېنىڭ ئىشەنچىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، مېنىڭ "شادلىق 8" بىلەن قول تۇتۇشۇپ يەنە بىر قېتىم شانلىق نەتىجە يارىتىشقا ئىشەنچىم بار. »-دېدى.

3.png

كۈيتۈن شەھىرى 65400132 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى شاۋ شياڭجۈ مۇنداق دېدى:«تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن "شادلىق 8" نىڭ بىر خىل جىنو تىپىدىكى لاتارىيە ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ياخشى، مۇكاپات نومۇرى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا لاتارىيە بازىرى ئېتىراپ قىلغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان لاتارىيە ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. "شادلىق 8" ئويۇنىدا 1 دىن 80 گىچە جەمئىي 80 نومۇردىن خالىغان بىردىن ئونغىچە نومۇرنى تاللاپ دو تىكىدۇ، ھەر قېتىملىق دو تىكىش سوممىسى 2 يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، « بىرنى تاللاش» تىن« ئوننى تاللاش» قىچە بولغان 10 خىل ئويناش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، « يەككە تاللاش» ، « تەكرار بېرىش» ، «دەنتو» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر بىر قارار مۇكاپات چىققاندا، 1 دىن 80 گىچە جەمئىي 80 نومۇر ئىچىدىن ئىختىيارىي ھالدا 20 نومۇر چىقىرىلىپ، شۇ قاراردىكى مۇكاپات نومۇرى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە <ھەممە نۇمۇر چىقسا مۇكاپات بار، ھەممە نۇمۇر چىقمىسىمۇ مۇكاپات بار بۇلىشى مۇمكىن، ھەممە نۇمۇر چىقمىسا يەنىلا مۇكاپات بار بۇلىشى مۇمكىن>، بۇ ئويۇننىڭ ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ، ئىشىنىمەنكى لاتارىيەچىلەر چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ!»-دېدى.

4.png

كۈيتۈن شەھەرلىك 65400102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى زېڭ ۋېنشۈەن مۇنداق دېدى: «مەنمۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كونا مال ساتقۇچىسى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى بۈگۈنگە كەلگەندە، كۆپ يىللاردىن بۇيان يېڭى ئويۇن بولمىغان لاتارىيە بازىرى ئالدىدا، جىنو تىپىدىكى "شادلىق 8" ئويۇنى بارلىققا كەلدى. "شادلىق 8" نىڭ بازارغا سېلىنىشى چوقۇم يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان لاتارىيە بازىرىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ، لاتارىيە ئويۇن قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا بىزدەك لاتارىيەچىلەرگە بىر قېتىم پۇرسەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ نېمىدېگەن ياخشى ئىش-ھە!» -دېدى.

5.png

تېكەس ناھىيەسى 65412502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ليۇ يۈچىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى يەنە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى ئېلىپ باردى، "شادلىق 8" ئويۇننىڭ 2021006 ـ قارار (مۇكاپات ئېچلىش كۈنى 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى) دىن باشلىنىپ، 4 مىليون يۈەن پائالىيەت خىراجىتى ئىشلىتىلىپ بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

6.png


分享到: