新闻详情

ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى چولپانلار

发表时间:2021-01-11 19:11作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچڭيۇدى

640-24.gif640-59.png



تەنتەربىيە ساھەسىدە، مەلۇم بىر چولپاننىڭ مەستانىلىرىنىڭ سانى شۇ چولپىنىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان پايدىلىنىش ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا قانچە ئەمەلىي كۈچى بولغان توپ چولپىنىنىڭ شۇنچە كۆپ مەستانىسى بولىدۇ.

گەرچە ھەر بىر توپ چولپىنى كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي كۈچى بار توپ چولپىنى چوقۇم قارشى ئېلىنماي قالمايدۇ.


يېقىندا بىر ئامېرىكا تاراتقۇسى، ھازىرمۇ توپ ئويناۋاتقان ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئون نەپەر ۋاسكېتبول چولپىنىنى باھالاپ چىقتى، ئۇنداقتا تۆۋەندە بۇ تىزىملىكنىڭ زادى مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

10-ئىرۋىڭ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى، مۇسابىقە نەتىجە ئەھۋالى ياكى شەخسىي تېخنىكىسى جەھەتتىن بولسۇن، ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىشى مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ.

9-ئانتونى دەيۋىس

ئانتونى دەيۋىسنىڭ ئىلگىرىكى مۇسابىقە پەسىللىرىدە ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن يىل بويى كوماندىنى باشلاپ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرەلمەسلىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنى ئازاپلايتتى، لېكىن كۆل ئادىمى كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى ھەم ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسى بىراقلا ئىرۋىڭدىن ئېشىپ توققۇزىنچى ئۇرۇنغا ئۆتتى.

8-خاردېن

خاردېن ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ قالتىس نومۇر ئېلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ كوماندىنى غەلبىگە باشلايدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جازا توپ ئېتىش ئۇسۇلى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ خاردېننى ياقتۇرىشىدىكى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە يەنە كۆپلىگەن توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا بەك ئۆچ.

قانداقلا بولمىسۇن خاردېننىڭ سەككىزىنچى ئۇورۇنغا تىزىلىشى، يۇقىرىمۇ ئەمەس تۆۋەنمۇ ئەمەس ھېسابلىنىدۇ.

7-ئانتېتوكومپو

ئانتېتوكومپو ئۆزىنىڭ قالتىس توپ ئويناش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئىككى قېتىم ئەڭ قىممىتى بار توپچى بولغان، بۇ ئۇنىڭ بىرلەشمىدىكى قالتىس ماھىرلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، لېكىن ئانتېتوكومپونىڭ يەتتىنچى ئورۇنغا تېزىلىشى سەل تۆۋەن بوپ قالدىمۇ قانداق؟


6-ۋىللىيامس

NBA بىرلەشمىسىدە مۇسابىقە ئوينىغىلى ئەمدىلا ئىككى مۇسابىقە پەسلى بولغان بۇ ياش ماھىرنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى، كۆپلىگەن داڭلىق چولپانلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىنلا ناھايىتى قالتىسلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ماھىر ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا داڭلىق كوماندىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بەلكىم يارىلىنىش بولمىسىلا كەلگۈسىدە بىرلەشمىدىكى ئالدىنقى ماھىرلارنىڭ بىرى بوپ قېلىشى مۇمكىن.

5-لىلارد

بىرلەشمىگە كىرگىنىگە ئون يىل بولغان بۇ ماھىرنىڭ ئپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلدى، ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئادەم بىر شەھەر دېگەن ئۇقۇم بىلەن ۋاسكېتبول چولپانلىرىنى شۇنداق ماختاشنى ياخشى كۆرەتتى، ھازىر لىلارد بىر ئادەم بىر شەھەر بولۇشنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.

4-دونچىچ

ھازىر توپ ئويناۋاتقان توپچىلار ئىچىدىن ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى بەش قاتارىدا تۇرالايدىغان توپچى تېپىش كېرەك دېيىلسە، ئۇنداقتا دونچىچ بىردىنبىر نامزات. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى، مەستانىلىرى ئاشسا ئاشىدۇكى ھەرگىز كېمەيمەيدۇ.

3-دۇرانىت

بۇ توپچىنىڭ شەخسىي تېخنىكىسى ۋە قىممىتى جەھەتتىن قانداقلىقىنى دېيىش ھاجەتسىز، بىر مەزگىللىك يارىلىنىشتىن كېيىنكى ئپادىسىلا شۇنى ئسپاتلايدۇكى، ئەمەلىي كۈچى بار توپچىلار مەڭگۈ قارشى ئېلىنماي قالمايدۇ.

2-كۇررى

گەرچە كۇررى ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسەن دېگۈدەك مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مۇسابىقە مەيدانىغا قايتقاندىن كېيىنكى ئىپادىسى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ، ئالقىشقا ئېرىشىش ۋە توپ مەستانىسى، قوللاش جەھەتلەردە بىرلەشمە بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.


1-جامېس

كىمنى بىرلەشمىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن توپچى دېسەك، ئۇ يەنىلا جامىس.

جامېسنىڭ قوللاش دەرىجىسى، مۇسابىقىدىكى قالتىس ئپادىسى ۋە مەستانىسى ھەر جەھەتتىن بىرلەشمە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا جامېسنىڭ بۇ رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشى مۇۋاپىق.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: