|
تىرمپنىڭ ئۇنۋانى بىكار قىلىندى发表时间:2021-01-11 19:14作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى (NPR) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى Lehigh داشۆسى 8-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى تىرامپقا بەرگەن شەرەپ ئۇنۋانىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ بۇ مەكتەپنىڭ 1988-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ھەمدە شۇ قېتىمقى مۇراسىمدا شەرەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2018-يىلى Lehigh داشۆسىدىكى نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر بىرلەشمە مەھكىمە قۇرۇپ، تىرامپنىڭ شەرەپ ئۇنۋانىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئەينى چاغدا مۇدىرىيەت بۇنىڭغا قۇشۇلمىغان. پارلامېنت ۋەقەسىدىن كېيىن Lehigh داشۆسىنىڭ مۇدىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ھەمدە تىرامپنىڭ شەرەپ ئۇنۋانىنى بىكار قىلىشقا قۇشۇلغان. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ تىرامپنىڭ شەرەپ ئۇنۋانىنىڭ تۇنجى قېتىم بىكار قىلىنىشى ئەمەس ئىكەن. ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 2015-يىللىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ئىلگىرىمۇ شەرەپ ئۇنۋانى بىكار قىلىنىش تارىخى بولغان ئىكەن. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |
|