|
تىلفۇن سىسىتمىسنى يىڭلاش كىرەكمۇ؟发表时间:2021-01-12 11:36作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ دەۋرنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، قولىمىزدىكى يانفون بارغانسېرى ئىلغارلىشىۋاتىدۇ، سىستېمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىز دائىم دېگۈدەك دۇچ كېلىدىغان بىر قەدەر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. مەيلى ئاندرويد سىستېمىسى بولسۇن ياكى IOS سىستېمىسى بولسۇن، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇقەررەر بىر جەريان، ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن دوستلار سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشقا تېگىشلىك ياكى تېگىشلىك ئەمەسلىكىنى بىلمەي دەرھال يېڭىلاش كېرەكلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. بۈگۈن يانفون سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمىز، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بەلكىم سىز گۇمانىڭىز ئۈچۈن جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن. نۇرغۇن كىشى يانفون شىركەتلىرى چىقارغان سىستېما يېڭى نەشرىنى كۆرۈپ دەرھال نەشرىنى ئۆستۈرگۈسى كېلىپ كېتىدۇ، چۈنكى يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ بېقىش كېرەكتە، ئەمما يەنە بەزىلەر دەرىجە ئۆستۈرگەندىن كېيىن ھەر خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. يانفوننىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، شۇڭا سىستېما يېڭىلىسا يانفون كۆتۈرەلەمدۇ؟ يانفوندا ھەر خىل bug لار پەيدا بولۇپ قالارمۇ؟ (يانفۇن bug دىگىنىمىز يانفۇن سىستېمىسىدا ساقلانغان يۇچۇقنى كۆرسىتىدۇ، ھازىر كىشىلەر كومپيۇتېر سىستېمىسى ياكى پروگراممىسىغا يوشۇرۇنغان بەزى بايقالمىغان كەمتۈكلۈك ۋە مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ bug دەپ ئاتايدۇ) ئۇنداقتا نېمىشقا يانفون سىستېمىسىنىڭ نەشرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدۇ؟ بۇنىڭدا بەلگىلىك سەۋەب بار. بىرىنچى پايدىسى: يانفوننىڭ مەشغۇلات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سىستېمىنىڭ يېڭى نۇسخىسى ئادەتتە كونا نۇسخىدا بايقالغان ھەر خىل bug لارنى ياماش ئۈچۈن چىقىرىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر مەلۇم سىستېمىدا bug پەيدا بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندا، پىروگراممېرلار ئامال قىلىپ سىستېمىدىكى bug نى ياماپ، ياخشى يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىستېما يېڭىلاش مەشغۇلاتى ھەقسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىستېمىنى يېڭىلىلاش يانفوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى يانفون ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، سىستېما يېڭىلاش يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق. ئىككىنچى پايدىسى: يانفوننىڭ راۋانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ھازىرقى ئەقلىيفوننىڭ ناھايىتى ناچار بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاسانلا قېتىۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ ھادىسە ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ يانفون پۈتۈنلەي قېتىۋالسا پەقەتلا ئامال يوق. بۇرۇنقى يانفونلار يەنە باتارىيەنى چۇۋۇش ئارقىلىق مەجبۇرى قايتا قوزغىتالايتتى. يانفون كارخانىلىرى يانفوننى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يانفوننىڭ سەپلىمىسىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇردى، ئۇلار مۇشۇنداق ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ راۋانلىقىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى، يانفون كارخانىلىرىنىڭ سىستېما يېڭىلاش ئارقىلىق يانفون ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت چىقىش نۇقتىسى ياخشى. ئۈچىنچى پايدىسى : يېڭى ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ پايدا بەلكىم دوستلارنىڭ سىىستېما يېڭىلاشنى خالىشىدىكى بىر قەدەر مۇھىم سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، گەرچە كۆپ ساندىكى سىستېمىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى bug نى ياماش ئۈچۈن دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشمۇ بەزى يېڭى ئىقتىدارلارنى ئاتا قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يانفونغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە، ئۇلار يانفوننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىغا تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشقا موھتاج، يانفون كارخانىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يېڭى ئىقتىدارلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قىزىقارلىق، قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنى قوشۇپ، يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇرىدۇ.
بىرىنچى نۇقسان: ساقلاش بوشلۇقىنى ئىگىلىۋېلىش. بەزى يانفونلاردا سىستېما يېڭىلانغاندىن كېيىن يانفون تېخىمۇ قېتىۋالىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىچكى ساقلاش بوشلۇقى بولۇشى كېرەك، نۇرغۇن دوستلار ئىشلەتكەن يانفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى ئەمەس، ئەگەر قارىغۇلارچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرسە چوقۇم يانفون بارغانسېرى قېتىۋالىدۇ. شۇڭا دەرىجە ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن يانفونىمىزنىڭ مۇشۇ قېتىمقى سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىنىقى ئارقىلىق سىستېمىنى يېڭىلاشقا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى سىناپ كۆرسەك بولىدۇ. ئىككىنچى نۇقسان: يېڭى سىستېما تۇراقسىز بولسا ئاسانلا چېكىنىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى نۇقسان: سىستېمىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەندىن كېيىن توك سەرپىياتى تېز ئاشىدۇ. يانفوننىڭ قاتتىق دېتالى مۇقىم، يانفوننىڭ باتارېيەسى بىر مەزگىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىنلا خوراش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، يېڭى سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈشى كونا سىستېمىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ، شۇڭا مەشغۇلات قىلغاندا توك سەرپىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىشى ناھايىتى نورمال ئىش. سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىسىڭىزمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يانفونىڭىزنىڭ توك مىقدارىنىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز، شۇڭا بۇمۇ نورمال ئەھۋال، پەقەت نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىيالمىدى خالاس. شۇڭا، ئەگەر يانفونىڭىز يېڭى ئېلان قىلىنغان يانفون بولسا ياكى ئېلان قىلىنغىنىغا بىر يىل بولغان يانفون تىپى بولسا، سىستېمىنى يېڭىلىماقچى بولسىڭىز تامامەن چاتاق چىقمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن قاتتىق دېتال يەنىلا ۋاقتىنچە ئىشلىتىشكە يېتىدۇ. ئەگەر بىر يىلدىن ئاشقان يانفون بولسا، ئۇنداقتا ئاۋۋال ئېنىق ئويلىنىش كېرەك، چۈنكى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يېڭىلانغاندىن كېيىن بۇرۇنقى سىستېمىغا قايتۇرۇش ناھايىتى تەس، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە يېڭى يانفون ئالماشتۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |
|