新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى لاۋجاڭ 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-12 14:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە  تارقىتىش مەركىزى

        2021 ـ يىلى كىرىشى بىلەن، ئالتايلىق لاتارىيەچى جاڭ شيەن «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بىلىتى بىلەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جاڭ ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار بۇلۇپ، ھەر يىلى يېڭى يىلدا، ئۇ دائىم بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، يېڭى بىر يىل يېڭى باشلىنىش بولۇپ، مۇكاپات چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن ، مۇكاپات   چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ھەممىسى بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەنلىكىگە ئېشىنەتتى.

      1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندە، لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى بالدۇرلا 65430113 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئالدى بىلەن مال ساتقۇچىلار بىلەن بىرنەچچە ئېغىز ئەھۋاللاشتى، ھەمدە بىر نەچچە لاتارىيەچى بىلەن يۆنىلىش خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئاندىن ئىختىيارسىز ھالدا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ يېنىغا كەلدى، بىر قۇر كۆزەتكەندىن كىيىن جاڭ ئەپەندى يەنىلا ساتقۇچىلارغا بەش دانە « ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتى. باشقا لاتارىيەچىلەر جاڭ ئەپەندىنىڭ «ئالتۇن دەۋر» نى قولىغا ئالغىنىنى كۆرۈپ، بەس- بەستە بېرىپ قىزىقچىلىق قىلىشتى، « لاۋجاڭ، قاق سەھەردىلا ئامەت سىنايسىز دەپسىزدە!»، جاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: « يېڭى بىر يىل كىردى، تەلەي سىناپ باقاي دەيمەن!»-دېدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، خۇشال   كەيپىياتى ئىچىدە، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى جايلارنىڭ لاتارىيە بېلىتى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى، تۇيۇقسىز جاڭ ئەپەندى ۋارقىراپ كەتتى، كۆپچىلىك چۆچۈپ كەتتى ھەمدە قىزىقىپ قارىدى، بۇ چاغدا جاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:« مۇكاپات چىقتى! بولدى! ئون مىڭ يۈەن!»-دەپ توۋلىدى، كۆپچىلىك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:« يارايسىز! لاۋجاڭ، تەلىيىڭىز بار ئىكەن!» ، «بۇ ياخشى بىشارەتقۇ!» دېيشىپ جاڭ ئەپەندىنى بەس-بەستە تەبرىكلىدى.

      1-ئاينىڭ 4-كۈنى يانۋار ئىشقا چۈشۈپلا، جاڭ ئەپەندىم ئايالى بىلەن ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى:« بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى باشلىنىش بولدى! يېڭى يىلنىڭ بېشىدىلا 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بەك خۇشال بولدۇم!»-دېدى.

2+.png

分享到: