新闻详情

تەۋسىيەلىك كىنولار

发表时间:2021-01-12 12:51作者:ئەلكۈيى

640-24.gif640-59.png


«جىددىي مۇناسىۋەت»(危机先生)

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، خۇاڭ شياۋمىڭ (黄晓明) كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ تونۇلغان، كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ تىياتىردا ئەر باش پېرسوناژنىڭ رولىنى خۇاڭ شياۋمىڭ (黄晓明)، ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى سەي ۋېنجىڭ(蔡文静) ئالغان، سەي ۋېنجىڭ (蔡文静)بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭ (蔡文静)نىڭ بىرىكتۈرلىشى ھەقىقەتەن كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ.

«مەن مۇشۇنداق ئايال» (我就是这般女子)

تىياتىردا گۇەن شياۋتوڭ(关晓彤) بىلەن خوۋ مىڭخاۋ (侯明昊) باش رول ئالغان، ئىگىلىنىشىچە بۇ تىياتىر شۇ ناملىق روماندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن قەدىمكى زامان تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، گۇەن شياۋتوڭنىڭ قەدىمىي ئوبرازدا كىيىنىشى بەك چىرايلىق چىققان، شۇڭا گۇەن شىياۋتوڭ (关晓彤)نىڭ بۇ تىياتىردىكى ئوبرازىنى كۆرۈشكە كۆپچىلىك ئۇزۇندىن بېرى ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن.

تىياتىردا گۇەن شياۋتوڭ (关晓彤) باي ئائىلىنىڭ خانقىزىنىڭ رولىنى، خوۋ مىڭخاۋ (侯明昊) بەگنىڭ رولىنى ئالغان، ئىككى باش پېرسوناژنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ؟ قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار پات ئارىدا قويۇلىدىغان بۇ تىياتىردا بولسۇن.

«دورو چوڭ قۇرۇقلۇقى» (斗罗大陆)

كۆپچىلىككە ئايان بۇ تىياتىرنىڭ دەسلەپكى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ناھايىتى ياخشى بولغان، «دورو چوڭ قۇرۇقلۇقى» ئەمەلىيەتتە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كارتون فىلىم، شۇڭا ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى «دورو چوڭ قۇرۇقلۇقى»نى كۆرۈشكە كۆرۈرمەنلەر بەكمۇ تەقەززا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل گۇرۇپپىدىكىلەر بولسۇن ياكى ئارتىسلار قوشۇنى بولسۇن ئوخشاشلا ئىنتايىن سەرخىل.

تىياتىردىكى ئەر باش رولچى شياۋ جەن (肖战) بىلەن ئايال باش رولچى ۋۇ شۈەنيى (吴宣仪) نۆۋەتتىكى ئېقىم مىقدارى يۇقىرى بولۇۋاتقان ئارتىسلاردۇر، بۇ تىياتىردا يەنە جۇجۇ (朱珠)، جوڭ جېنتاۋ (钟镇涛) قاتارلىق ئارتىسلار بار، ھەقىقەتەنمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان تىياتىر.

«پەۋقۇلئاددە مۇھەببەت» (司藤)

«پەۋقۇلئاددە مۇھەببەت» جىڭ تيەن (景甜) بىلەن جاڭ بىنبىن (张彬彬) باش رول ئالغان ئەسەر، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، جىڭتيەننىڭ قەدىمكى زامان تىياتىرلىرىدىكى ئوبرازى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ قەدىمىيچە كىيىنگەندىكى ئوبرازى شۇنداق سالاپەتلىك. بۇ تىياتىردا جىڭ تيەن بىلەن جاڭ بىنبىن بىر يەرگە كېلىپ قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟

بۇ تىياتىرنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئانچە يېتەرلىك بولمىغان، بىراق بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئارتىسلارنىڭ تاللىنىشى ۋە فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ياخشى بولغان، يەنە كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ بۇ تىياتىرغا بولغان قىزغىنلىقىمۇ خېلى يۇقىرى.

«مۇزلۇق ئوت» (冰雨火)

ھازىر ۋاڭ يىبو (王一博) بىلەن جاۋ لىيىڭ (赵丽颖) باش رول ئالغان «يوۋفېي رىۋايىتى»(有翡) قىزغىن قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ تىياتىرنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپلا «مۇزلۇق ئوت» (冰雨火) تىياتىرىنىڭ قويۇلىدىغانلىقى كۆرۈرمەنلەرنى بەكمۇ خۇشال قىلغان.

بۇ تىياتىردا ۋاڭ يىبو بىلەن چېن شياۋ (陈晓) باش رول ئالغان. ئاساسلىقى زەھەر چەكلەش ھەرىكىتى سۆزلەنگەن، ۋاڭ يىبو بىر خەلق ساقچىسىنىڭ رولىنى ئالغان.

«شەنخەيگە مۇھەببەت»(山海情)

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خۇاڭ شۈەن (黄轩)، جاڭ جيايى (张嘉译)، يەن نى (闫妮) قاتارلىقلار باش رول ئالغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك كوللېكتىپ ئىشلىگەن تىياتىر بولغانىكەن، چوقۇم ناچار ئەمەس.

بۇ تىياتىر يېزا تۇرمۇشىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تىياتىرنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرۈرمەن دوستلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: