新闻详情

ئۇلارنىڭ مۇئاشى قانچىلىك؟

发表时间:2021-01-12 18:53作者:ئەلكۈيى

640-24.gif640-59.png




CBA تارىخىدىكى يىللىق مائاشى ئەڭ يۇقىرى توپچىلار:

1. جوۋ چى (25مىليون يۈەن)

2. يى جيەنليەن (20 مىليون يۈەن)

3. ۋاڭ جېلىن (13 مىليون يۈەن)

4. لى گېن (12 مىليون يۈەن)

5. گو ئەيلۇن، ۋۇ چيەن، خەن دېجۈن قاتارلىقلار (سەككىز مىليون يۈەن)

يۇقارقىلار توردىن ئىگەللىگەن دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم توپچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى يىللىق مائاش رەت تەرتىپى.

بۇ يىل CBAدا يېڭى توختام تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توختام سەككىز مىليون يۈەن ئەتراپىدا، ھازىر ئەڭ يۇقىرى يىللىق مائاش توختامىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا سەككىز مىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىمزا قويغىلى بولىدۇ. شۇڭا سەككىز مىليون يىللىق مائاشتىن ئېشىپ كەتكەن توختاملارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى توختاملار بولۇپ، يۇقىرى مائاشلىق توختاملارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئىمزالانغان توختاملاردۇر.

لېكىن، مائاشقا چەك قويۇلماستىمۇ سەككىز مىليون يۈەندىن يۇقىرى يىللىق مائاش ئالالايدىغان توپچىلار ناھايىتى ئاز ئىدى. مەسىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ داڭلىق بېكى گو ئەيلۇننىڭ ئالدىنقى توختامى تەخمىنەن 5 ـ 6 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

جوۋ چىمۇ يەرلىك توپچىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى مائاشىغا ئىگە، يەنى 25 مىليون يۈەن ئالغان CBAدىكى بىردىنبىر يەرلىك توپچىدۇر.

يى جيەنليەن CBAدىكى يەرلىك توپچىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ 20 مىليون خەلق پۇلى ئەتراپىدا يىللىق مائاش ئالغان توپچى، نېمىلا دېگەن بىلەن يى جيەنلىيەننىڭ ئىقتىدارى بۇ مائاشقا لايىق، ئۇ نېمىلا بولمىسۇن يەنىلا گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ مۇتلەق يادروسى.

گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، يى جيەنليەن بولمىغان ئەھۋالدا ئىزچىل ئالدىنقى ئىككىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى، يى جيەنليەننىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشى گۇاڭدوڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىش بولىدۇ.

ۋاڭ جېلىن فۇجيەن كوماندىسىدا بارا-بارا ھۇجۇم يادروسىغا ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ياراملىق ئىچكى سەپ توپچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ھەر مەيداندىكى ئېرىشكەن نومۇرى ئوتۇرا ھېساب بىلەن 26.1 نومۇرغا يەتكەن بولۇپ، CBAدىكى دۆلىتىمىز توپچىلىرى ئىچىدىكى نومۇر ئېلىش شاھى بولغان. شۇڭا ۋاڭ جېلىننىڭ 13 مىليون يۈەنلىك يىللىق مائاش ئېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

لى گېننىڭ كىچىك ھۇجۇمچى ئورنىدىكى ئۈستۈنلۈكى يەنىلا ئىنتايىن روشەن. توپ چۈشۈرۈش نىسبىتى، كۈچلۈك بەدەن ئىقتىدارى لى گېننى ئىچكى سەپتە بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. لى گېن ھازىر كونا سەپدىشى ماربۇرى يېتەكچىلىكىدىكى بېيكوڭ كوماندىسىدا، بۇنىڭدىن بۇرۇن 12 مىليون يۈەنلىك يىللىق مائاش توختامىغا ئېرىشكەن.

يېڭى توختام تۈزۈمى ئاستىدا، بۇ يىل كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر توپچىلارنىڭ يېڭى توختامى ئەڭ يۇقىرى مائاشلىق توختام بولۇپ قالدى. مەسىلەن: گوئەيلۇن، ۋۇ چيەن قاتارلىق مۇنەۋۋەر بېكلار يۇقۇرى مائاشلىق توپچىلاردۇر. بۇ ئىككى توپچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مائاش ئېلىشىمۇ ئەمەلىي كۈچىگە نىسبەتەن لايىق ھېسابلىنىدۇ.

گوئەيلۇن نۆۋەتتە دۆلىتىمىز توپچىلىرىنىڭ نومۇر ئېلىش رەت تەرتىپىدە 2ـ ئورۇندا، ۋۇ چيەن 4ـ ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۆلىتىمىز توپچىلىرىنىڭ ياردەمچى پاس بېرىش تىزىملىكىدە ۋۇ چيەن 2ـ ئورۇندا، گو ئەيلۇن 4ـ ئورۇندا. ھەر ئىككىلىسى ئۆز كوماندىسىدىكى غوللۇق ئەزالاردۇر.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: