新闻详情

10 چوڭ يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى

发表时间:2021-01-14 17:38作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيي

640-24.gif640-59.png




1. ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بولۇپ ئامازون ئورمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كۆلىمى بەش مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم ئامازون دەريا ۋادىسى رايونىنى يەنى بىرازىلىيە، پېرۇ، كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئېكۋادور، بولىۋىيە، گىۋىيانا، سۇرىنام ۋە فىرانسىيەگە قاراشلىق گۋىئانالارنى قاپلايدۇ، ئامازون دەرياسى ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە ئورمانلىقتا 390 مىليارد تۈپ دەرەخ بار بولۇپ، 16 مىڭ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. بۇ رايوندا بايقالغان باشقا تۈرلەردىن ئىككى مىليون 500 مىڭ خىل ھاشارات، تەخمىنەن 2000 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە قۇش تۈرى ھەمدە نەچچە ئون مىڭ خىل ئۆسۈملۈك بار.

2. كونگو يامغۇرلۇق ئورمىنى

كونگو يامغۇرلۇق ئورمىنى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ يامغۇرلۇق ئورمىنى، ئومۇمىي كۆلىمى بىر مىليون 780 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يامغۇرلۇق ئورمان كونگونىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارغا تارقالغان.

كونگو دەرياسىنىڭ ئېقىم كۆلىمى ئۈچ مىليون 700 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ دەريا ئېقىپ ئۆتكەن رايونلار كونگو ئويمانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئانگولا، كامېرون، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كونگو جۇمھۇرىيىتى، بۇرۇندى، رىۋاندا، تانزانىيە ۋە زامبىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ زېمىننىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمى كونگو ئويمانلىقىدا. كونگو يامغۇرلۇق ئورمىنى يەنە بىرقەدەر مول بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن كەڭ ئېتىراپ قىلىنغان، بۇ يەردە 600 خىلدىن ئارتۇق دەرەخ تۈرى ۋە 10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ياشايدۇ. بۇ ئورماننىڭ ئەڭ داڭلىق «ئاھالىسى» ئورمان پىلى، گورىللا، شىمپەنزە، ئوكاپى ۋە شىر قاتارلىقلار.

3. ۋالدىۋىيە مۆتىدىل بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى

بۇ ئورمان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى چىلى ۋە ئارگېنتىنانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا تارقالغان، كۆلىمى تەخمىنەن 248 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر، بامبۇك، پاپوروتنىكلار، يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخ، تار دېڭىز بويى بەلبېغى، مۇزلۇق، مۇز تۈزلەڭلىكى ۋە مەركىزىي تاغ جىلغىسى گەۋدىلىك ئورمانلىق. دائىم قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا، بۇ يەرنىڭ كىلىماتى ئادەتتە ناھايىتى نەم.

يامغۇرلۇق ئورمىنى چىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋالدىۋىيەنىڭ نامى بىلەن ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ قۇرغۇچىسى پېدرو دېۋالدىۋىيەنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئورمانلىق ئالاھىدە ئۆسۈملۈك ۋە 45 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخ ھەمدە ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلار بىلەن داڭلىق.

4. دانتېررى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى

ئاۋسترالىيە كىۋېنسلاندنىڭ شەرقىي شىمال دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، رىچارد دانتېررىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بلۇمفېلد دەرياسى بىلەن موسمان جىلغىسى ئارىسىدىكى رايون پۈتۈنلەي ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان، بۇ يەردە يەنە دانتېررى دۆلەت باغچىسىمۇ بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق دەرياسى دانتېررى دەرياسى.

بۇ ئورمانلىقتا يەر شارىدىكى ئەڭ بالدۇرقى ئۆسۈملۈكلەر، مەسىلەن لىكوپودىئۇم تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە قارىغاي يوپۇرماقلىق پاپوروتنىكلار سىنىپى، سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار.

5. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى

بۇ ئورمان ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان، ھىندونېزىيە، لائوس، كامبودژا ۋە مالاي يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئاسىيادىكى تېخىمۇ چوڭ رايوننى قاپلىغان، لېكىن ئورمان كېسىش كۆپ قىسىم يامغۇرلۇق ئورمانلارنى ۋەيران قىلغان. بۇ ئورمانلىق نۇرغۇن ئەتىۋارلىق قۇشلار، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، قوش ماكانلىق ھايۋانلار ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ماكانى.

بۇ يەردە ئىلگىرى ھەر گېكتار يەردە ئوخشاش بولمىغان 200 خىل دەرەخ بار ئىدى، لېكىن ئورمانلارنى كېسىش بۇ تۈرلەرنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنىڭدا ئاساسلىقى بىر خىل دەرەخ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، نۇرغۇن ھايۋانات تۈرلىرى بار، مەسىلەن بېنگال يولۋىسى، سۈبھى شەپەرىڭى، چوڭ كۆزئەينەكلىك يىلان ۋە ئۇزۇن تۇمشۇق مايمۇن قاتارلىقلار.

6. تونگاس دۆلەت ئورمانلىقى

تونگاس ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئورمانلىقى بولۇپ، ئالياسكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى قاپلايدۇ. ئۇ ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ماكانى. ئۇ دېڭىز قىرغىقىدىكى تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىلىرى، دېڭىز قولتۇقى، مۇزلۇقلىرى ۋە ئالېكساندر تاقىم ئاراللىرىدىكى ئاراللارنى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلارنى تاپقىلى بولىدۇ، ئاساسلىق ئوۋچىلاردىن بۆرە ۋە قوڭۇر ئېيىق بار.

7. كوستارىكا سانتا ئېلېنا ئورمان مۇھاپىزەت رايونى

بۇ ئورمانلىق كوستارىكا مۇھاپىزەت رايونىغا، ئالاخۇئېلا ۋە پۇنتارېناس ئۆلكىسىنىڭ تىراران تاغ تىزمىسى بويىغا جايلاشقان، تەخمىنەن 105 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تۇمان ئورمانلىقى. ئورمان بۈك-باراقسان بولۇپ، مۇخلار، گۈل-چېچەكلەر، پاپوروتنىكلار بىلەن قاپلانغان، ھەممە دەرەختە دېگۈدەك قوشۇمچە ئۆسۈملۈك بار.

بۇ ئورمانلىق ئالتە ئېكولوگىيەلىك رايوندىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە 2000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك، 80 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، 400 خىل قۇش تۈرى، تەخمىنەن 100 خىل قوش ماكانلىق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ھەمدە نەچچە مىڭ خىل ھاشارات بار.

8. سىنخاراجا ئورمانلىق قوغداش ئورنى

سىرلانكا غەربىي جەنۇبىدىكى سابالاگامۇۋا ئۆلكىسى بىلەن جەنۇب ئۆلكىسىنىڭ تۇتاشقان جايىدا بولۇپ،سىرلانكىدا ھازىر بار بولغان بىردىنبىر ئىپتىدائىي ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى، 1988-يىلى تەبىئىي مىراس سۈپىتىدە دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

بۇ يەردىكى%60تىن ئارتۇق دەرەخ شۇ جايدىكى ئالاھىدە دەرەخ تۈرى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرىگە كىرىدۇ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا يەنە شۇ جاينىڭ ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ ھەمدە قۇشلار كۆپ. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى يەنە سىرلانكىدىكى %50تىن ئارتۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە كېپىنەكلەر ياشايدىغان ماكان، شۇنداقلا تۈرى كۆپ بولغان تۈرلۈك ھاشاراتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە ئەتىۋارلىق قوش ماكانلىق ھايۋانلار كۆپىيىپ ياشايدىغان جايدۇر.

9. تىنچ ئوكيان مۆتىدىل بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى

ئۇ شىمالىي ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مۆتىدىل بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك رايونى ئاساسلىقى يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەردىن تەركىب تاپقان، قىزىل شەمشاد دەرىخى شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئۇزۇن دەرەخلەردۇر.

مۆلچەرلىنىشىچە كۆپ ساندىكى قىزىل شەمشادنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 90 مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ ئورمانلىقتا يەنە قارا ئېيىق، كۈل رەڭ ئېيىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان چىپار مۈشۈكياپىلاق، بۆرە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ھايۋانات تۈرلىرىمۇ بار.

10. سۇنداربانىس ئورمان قوغداش رايونى

بېنگال ۋە ھىندىستان ئىككى دۆلەتكە تارقالغان، پۈتكۈل ئورمان بىلەن قاپلانغان يەر كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى سىرلىق جاينىڭ بىرى، چۈنكى ئۇنىڭ ئورنى پادما دەرياسى، يالۇزاڭبۇ دەرياسى ۋە مېكنا دەرياسى ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزىل دەرەخلىق ئورمان ئورمانلىقتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ يەنە بېنگال يولۋىسىنىڭ ماكانى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: