新闻详情

ئىتالىيە لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە

发表时间:2021-01-14 17:44作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچىيۇدى

640-24.gif640-59.png







/uploadfile/2021/0114/2021011405170379623.jpg

ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 3:45ﺗﻪ، 2020/2021-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﭘﻪﺳﻠﻰ ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئاللىيانز ﺗﻮﭖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ، ئىتالىيە زەردارى يۇۋېنتۇس ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ گېنويانى كۈتىۋالدى. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎبىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولمايلا يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن كۇلۇسېۋىسكى بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈردى. 23-مىنۇتىغا كەلگەندە موراتا بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايىتتى، ئارقىدىنلا گېنويا كوماندىسى بىر توپ قايتۇرىۋالدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ گېنويا يەنە بىر توپ قايتۇرىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىغا كەلگەندە كرىستىيانو رونالدو ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتىغا قەدەم قويدى. مۇسابىقىنىڭ 104-مىنۇتىغا كەلگەندە يۇۋېنتۇس تەرەپتىن رافىيا بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس 2:3 نەتىجە بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

/uploadfile/2021/0114/2021011406153239005.jpg

مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولا-بولمايلا يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزۈپ مەيدان ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىدى. چېللىنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن كۇلۇسېۋىسكى چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 5-مىنۇتىدا موراتا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىلغان بولسىمۇ، رېپىر مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. مۇسابىقىنىڭ 17-مىنۇتىدا كۇلۇسېۋىسكى قاپقىچى بىلەن يەكمۇ-يەك كەلگەن توپنى كىرگۈزەلمەي ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. مۇسابىقە 23-مىنۇتىغا كەلگەندە موراتانىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن يۇۋېنتۇس نومۇر پەرقىنى چوڭايىتتى. ئارقىدىنلا گېنويا كوماندىسىدىن بوررا بېلىقچىلاپ ئۈسسۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقنى كىچىكلەتتى. ئارقىدىن يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، موراتا ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋەتسىز قىلىندى. مۇسابىقىنىڭ 44-مىنۇتىدا پورتانوۋا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ توپمۇ ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىناۋەتسىز قىلىندى.

/uploadfile/2021/0114/2021011406065034405.jpg

ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﮪﻪﻡ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩﻩ قاتتىق تىركەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 49-مىنۇتتا موراتانىڭ تەپكەن توپى توسۇپ چىقىرىۋېتىلدى. مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىغا كەلگەندە مېلېگونى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىغا كەلگەندە زاپاس ئەزا ئورنىدىكى كرىستىيانو رونالدو ۋېسلىيغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 91-مىنۇتىدا كرىستىيانو رونالدو چەكلەنگەن رايۇنغا بۆسۈپ كىرىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچراپ، يۇۋېنتۇسقا ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى، كرىستىيانو رونالدو ئىختىيارى توپنى تېپىپ ئۆرلىتىۋەتتى. كېىيىن مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي، ئىككىلى كوماندا تەڭلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتىغا قەدەم قويدى.

/uploadfile/2021/0114/2021011406065046429.jpg

قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشتى. مۇسابىقىنىڭ 104-مىنۇتىغا كەلگەندە رافىيا بىر توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇسنى نومۇر ئۈستۈنلىكىگە ئىگە قىلدى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپتە ھېچقانداق نەتىجە ئۆزگىرىشى بولماي، يۇۋېنتۇس 2:3 نەتىجە بىلەن گېنويانى مەغلۇب قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى.




/uploadfile/2021/0114/2021011406153298111.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011405150175865.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011405150113193.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011405150161527.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011405150148399.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011406153239005.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011406153246757.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011406180437835.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011406180455693.jpg

/uploadfile/2021/0114/2021011406180480608.jpg

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: