新闻详情

شىنجاڭ VS شاڭخەي

发表时间:2021-01-14 18:36作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png




بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. گەرچە ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە روشەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كەسكىن تىركەشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 110:97 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى كوماندا كەسكىن تىركەشتى، ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى تۆۋەن بولدى، شىنجاڭ كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا موتېيۇناسنىڭ ئۇدا تۆت نومۇر ئېلىشى ۋە جوۋ چىنىڭ گار ئاستىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىشى بىلەن 0:6 نەتىجىدە مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى، شاڭخەي كوماندىسىمۇ ئاستا ئاستا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى، شاڭخەي كوماندىسى ناھايىتى تېزلا نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى 23:28 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

كېيىنكى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى جوۋ چى ۋە موتېيۇناسنىڭ باشچىلىقىدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ داۋاملىق نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، شاڭخەي كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى دېنمون ۋە فرېدېت ئۆز-ئارا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى. شۇنداقلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى تەتۈر ئېشىپ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 52:54 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، ھەمدە ناھايىتى تېزلا قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، لېكىن شاڭخەي كوماندىسىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يەنە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن داۋاملاشتى، ھېچقايسى كوماندا رەقىبىگە پۇرسەت بەرمىدى ۋە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق سەۋەنلىكى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، 3-چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى 87:76 نەتىجىدە 11 نومۇر پەرق بىلەن ئارقىدا قالدى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ شاڭخەي كوماندىسى ئۇدا بەش نومۇر ئېلىپ داۋاملىق نومۇر پەرقىنى چوڭايتىشقا باشلىدى. ناھايىتى تېزلا نومۇر پەرقى 17 نومۇرغا چوڭايدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ قالدى، مەيداندا پاسسىپ ئەھۋالدا قالغان شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇداپىئەنى ئاساس قىلدى، تاڭ سەييۈ ۋە ليۇ لىپىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر پەرقىنى 12 نومۇرغا كىچىكلەتتى، لېكىن ۋاقىت قىستاپ قالغاچقا شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا ئامال قىلالمىدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 110:97 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن موتېيۇناس 31 نومۇر، 21 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوۋ چى 18 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ زىڭ لىڭشۈ 14 نومۇر ئالدى ۋە يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ سەييۈ 11 نومۇر، چى لىن 11 نومۇر ئالدى.

شاڭخەي كوماندىسىدىن دېنمون 27 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ فرېدېت 35 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ دوڭ خەنلىن 14 نومۇر ئالدى، ليۇ جېڭ سەككىز نومۇر، زوڭ زەن توققۇز نومۇر ئالدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: