新闻详情

ئويۇنغا قاچىلغان پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ

发表时间:2021-01-14 19:10作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن


640-24.gif640-59.png





يېقىندىن بېرى قۇرامىغا يەتمىگەن (18 ياشقا توشمىغان) بالىلارنىڭ تېڭشۈن ئويۇنى (腾讯游戏) دا جابدۇق ئېلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا نۇرغۇن پۇل خەجلىۋەتكەن توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى (خاتالاشمىسام بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدىغۇ دەيمەن). ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتەن قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئويۇنغا خەجلىۋەتكەن پۇل بولسا، تولۇق سوممىسى بىلەن قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ (پەقەت يېقىنقى يېرىم يىل ئىچىدە قاچىلىۋەتكەن پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيسىز!). دۆلىتىمىز قانۇن-نىزاملىرىدىمۇ بۇ ھەقتە ئوچۇق قىلىپ قىلىپ بەلگىلەنگەن.

دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» (中华人民共和国民法通则)دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 10 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 10 ياشتىن يۇقىرى لېكىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك كىشىلەر قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىشقا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

يۇقىرىقى بەلمىگىلىمىلەردىن كۆرىۋالالايمىزكى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيسىدىن يوشۇرۇن چىقىم قىلىش قىلمىشى ئۇلارنىڭ يېشى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە ماس كەلمەيدىغان ھەق تەلەپ ھەرىكىتىگە تەۋە، ئۇلار ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشمىگەن، شۇڭا بۇ ھەرىكەت ئىناۋەتسىز بولۇشى كېرەك. ۋەسىيسى بولغان ئاتا-ئانىلار پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس، سىز پەقەت قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنىڭ ھەقىقەتەن ئويۇنغا يوشۇرۇن پۇل قاچىلىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسىڭىزلا، ئادەتتە بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئويۇنغا قاچىلىۋەتكەن پۇلنى پۈتۈن سوممىسى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن سىز ئاۋال تېڭشۈن شىركىتىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئويۇنغا پۇل قاچىلاش توغرىسىدىكى مەخسۇس لىنىيە تېلفونى»غا تېلفون قىلسىڭىز بولىدۇ، كىيىنكى قەدەمدە ئۇلار سىزگە قانداق قىلىشنى دەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سىز پەقەت شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشخۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىۋاستە خەلق ساقچىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

كېرەكلىك ماتىرىياللار: نوپۇس دەپتىرى (باشبەت، ۋەسىيسىنىڭ نوپۇس ۋارىقى، كىچىك بالىنىڭ نوپۇس ۋارىقى)، كىملىك (يۇقىرىقىغا ئوخشاش)، ئويۇنغا پۇل قاچلىغان ۋە ئوينىغان چاغدا ئىشلەتكەن يانفون، پۇل تۆلىگەن خاتىرىسى (账单).

كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاۋال تۆۋەندىكى نومۇرغا تېلفۇن قىلىمىز ھەمدە ئۆيىمىزدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىنىڭ ئويۇنغا پۇل خەجلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىمىز، بۇ چاغدا مۇلازىمەتچى خادىم سىزگە پۇل چىقىم قىلغان ئۈندىدار نومۇرىدا مەشخۇلات قىلىشىڭىزنى ئېيتىدۇ (ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئارقا سۇپىدا خاتىرە قالدۇرىدۇ)، ئۇنىڭدىن كىيىن سىز ئۈندىدارنى ئېچىپ تېڭشۈن ئابونتلار مۇلازىمىتى (腾讯客服) دېگەن مۇلازىمەت سالونىغا «قۇرامىغا يەتمىگەن بالا ئويۇنغا پۇل قاچىلىۋەتتى» (未成年充值游戏) دېگەن خەتنى ئەۋەتىسىز (دۆلەت تىلىدا يېزىپ ئەۋەتىڭ).

خەتنى ئەۋەتكەندىن كىيىن مۇلازىمەتچى خادىم سىزدىن «سىز ۋە كىچىك بالا قانداق مۇناسىۋەتتە؟» دەپ سورايدۇ، ئەڭ ياخشىسى مەن دادىسى ياكى ئاپىسى دەپ قايتۇرۇڭ (ئاكىسى ياكى ئاچىسى دەپ قايتۇرسىڭىز بولمايدۇ).

كەينىدىن ئۇلار سىزگە بىر پارچە خەت قايتۇرىدۇ ھەمدە ئۇلانما ئادېرىس ئەۋەتىدۇ، چېكىپ كىرسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توشقۇزىدىغان ئەپچاق ئېچىلىدۇ، تۆۋەندىكى رەسىم بويىچە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى توشقۇزۇپ بېرىسىز.

ئۇنىڭدىن كېيىن سىزدىن بەزىبىر سوئاللارنى سورايدۇ، ئەمەلى ئەھۋال بويىچە ئەينەن جاۋاپ بېرىسىز، بۇ مەشخۇلاتلارنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن «ئىلتىماسىڭىز قوبۇل قىلىندى، ھازىر ئادەملىك تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىشنى ساقلاۋاتىدۇ، ئون كۈن ئىچىدە سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز، مۇلازىمەت نومۇرىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ» دېگەن مەزمۇندىكى بەت ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ.

ئادەتتە بىر كۈن ساقلىساقلا بىزگە بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ ھەمدە داۋاملىق كىرەكلىك ماتېرىياللارنى توشقۇزۇشنى ئەسكەرتىدۇ، كىرەكلىك ماتىرىياللارنى توشقۇزۇپ ئەۋەتىپ بىرىمىز (يېقىندا بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغاچقا رەسىم تارتىپ يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىدى).

ئۇنىڭدىن كىيىن سىزگە يەنە بىر پارچە ساقلاش ئۇقتۇرىشى ئەۋەتىدۇ ھەمدە ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالسا شۇ ئويۇنغا تىزىملاتقان كىملىك نامىدىكى پۇل ئويۇن ھېسابات نومۇرىنى مەڭگۈلۈك توڭلىتىۋىتىمىز، قايتا ئىلتىماس قىلالمايسىز دەيدىغان ئەسكەرتىش كىلىدۇ، جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن (پۇل قاچىلىۋەتكەن ئويۇن ھېسابات نومۇرىنى مەڭگۈلۈك توڭلىتىۋېتىدۇ) تەخمىنەن يەتتە كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يېرىم يىل ئىچىدىكى ئويۇنغا خەجلىۋەتكەن بارلىق پۇللارنى پۇل تۆلىگەن ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىغا ئۇرۇپ بېرىدۇ.

يۇقىرىقى مەشخۇلاتلارنى قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

1. دۆلەت تىلى سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولمىسا تىل ئۇقىدىغان بىرەيلەننى تېپىپ مەشخۇلات قىلىڭ.

2. بارلىق مەشخۇلات ۋە يازىدىغان خەتلەرنى دۆلەت تىلىدا يازىسىز.

3. ھەر بىر قېتىم تېڭشۈن مۇلازىمەت نومۇرى سىزگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى توشقۇزۇش ياكى باشقا مەشخۇلاتلارنى قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتكەندە بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملىشىڭىز كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە بۇ قېتىملىق ئىلتىماس قىلىش ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدۇ.

4. يۇقىرىقى مەشخۇلاتلارنىڭ تەرتىپى ياكى كېرەكلىك ماتېرىياللارنى يوللاش جەريانى يۇقىرىقى مەزمۇن بىلەن بىردەك بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن مەشخۇلات تەرتىپى ئاساسەن ئوخشاش.

5. ئالاقىدار ماتېرىياللارنى توشقۇزغاندا ئەينەن ئەھۋال بويىچە يېزىڭ، ساختا ئەھۋالنى ئويدۇرۇپ چىقارىشقا بولمايدۇ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماڭ!

ئاخىرىدا بارلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كىچىك بالىغا بولغان نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى، بالىنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلەشنى ئۈمىد قىلىمىز، كىچىك بالىنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن، بىردەملىك ئاچچىقلىنىش سەۋەپلىك ئائىلىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋەتمەڭ!

تۈگىدى.png

分享到: