新闻详情

پەسىلىك مۇسابقىدىكى نەتىجىلەر

发表时间:2021-01-14 19:44作者:ئەلكۈيى来源:CNR

640-24.gif640-59.png






بېيجىڭ ۋاقتى 11-يانۋار سەھەر سائەت 3:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ساسۇلونى كۈتۈۋالدى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن ساسۇلونى مەغلۇپ قىلدى، شۇنداقلا بىرلەشمىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى، بۇ توپ كرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن 15-توپى ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو پۇتبول دۇنياسىدىكى ئۆتكەن 15 يىلدىكى ھەر بىر مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپانىڭ بەش چوڭ بىرلەشمىسىدە ئاز دېگەندە 15دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپچىغا ئايلانغان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ يېقىنقى 15 پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

2006/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 17 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2008/2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 17 توپ (مانچېستېر بىرلەشمىسى)

2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 26 توپ (خانلىق مادرىد)

2010/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 40 توپ (خانلىق مادرىد)

2011/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 46 توپ (خانلىق مادرىد)

2012/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 34 توپ (خانلىق مادرىد)

2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (خانلىق مادرىد)

2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 48 توپ (خانلىق مادرىد)

2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 35 توپ (خانلىق مادرىد)

2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 25 توپ (خانلىق مادرىد)

2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 26 توپ (خانلىق مادرىد)

2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 21 توپ (يۇۋېنتۇس)

2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، 31 توپ (يۇۋېنتۇس)

2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، 15 توپ (يۇۋېنتۇس)




تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: