新闻详情

بارسىلونا مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى

发表时间:2021-01-15 12:58作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png




بارسېلونا تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئوڭۇشلۇق غەلىبە قىلىپ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا مەغلۇب بولۇپ باقمىغان.

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا سەككىز مەيدان غەلىبە قىلىپ ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن. بۇ پەسىل مېسسى بارسېلونانىڭ تۆت مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە، بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئېيبار بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىگە ۋە تۈنۈگۈنكى خانلىق جەمئىيەت بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

ئالدىنقى پەسىلدە مېسسى جەمئىي ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان بولۇپ، بارسېلونا ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋالېنسىيە، خەلقئارا مىلان قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇب قىلغان. بارسېلونانىڭ ئالدىنقى قېتىم مېسسى مەيدانغا چىقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان ۋاقتى بولسا 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى، ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونا 1:0 نەتىجىدە بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: